باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈشتە ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىللاردىن يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاشيوللارنىڭ پۇل يىغىش پونكىتلىرىدا بىردەك ھەق ئېلىنمايدۇ
2008- 06- 06 16:16 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتى مۇشۇ ئاينىڭ 2- كۈنى، ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈشتە ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىللاردىن يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاشيوللارنىڭ پۇل يىغىش پونكىتلىرىدا بىردەك ھەق ئېلىنمايدىغانلىقى ۋە ھەممە ھەق ئېلىش پونكىتلىرىدا ئايرىم‹‹ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش يولى›› تەسىس قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقاتتى.

     ‹‹ئۇقتۇرۇش››تا ھەر قايسى ئورۇنلاردىن ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا يەتكۈزۈلۈش جەريانىدىكى خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ئىشلەش تەلەپ قىلىندى. ‹‹ئۇقتۇرۇش›› تا يەنە ھەر قايسى قاتناش تارماقلىرىدىن يوللاردىكى كۆرسەتكۈچ بەلگىلىرىنى ئوڭشاش، يول، ھاۋارايى ئەھۋالى، يولدىكى ئاپتوموبىل ئېقىمى قاتارلىقلارنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ ئىگىلەپ تۇرۇش، چوڭ كۆۋرۈك، تەشمە قاتارلىق موھىم ئەسلىھەلەرنى كۈزىتىپ نازارەت قىلىش تەلەپ قىلىندى. ئولىمپىك مەشئىلى يەتكۈزۈلۈشتىن بىر كۈن بۇرۇن ۋە شۇ كۈنى مەشئەل يەتكۈزۈلىدىغان يول ۋە رايونلاردا خەتەرلىك خىمىيىۋى بويۇملار بېسىلغان ئاپتوموبىللارنىڭ قاتنىشى مەنئى قىلىنىدىكەن.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ