باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
بېيجىڭ ئو ت م نىڭ مۇسابىقە مەزگىلىدىكى كۆپ خىل تىلدا مۇلازىمەت قىلىش مەركىزى
2008- 06- 06 16:11 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

      بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە مەزگىلىدىكى كۆپ خىل تىلدا مۇلازىمەت قىلىش مەركىزىدە كۆپ خىل تىلدا مۇلازىمەت قىلىش باش ئاپپاراتى بىلەن جىددىي تەرجىمە قىلىش گورۇپپىسى تەسىس قىلىغان. بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ خىل تىلدا مۇلازىمەت قىلىش باش ئاپپاراتى تېلېفون ئارقىلىق تەرجىمە قىلىش ئۇسۇلى بىلەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى ، ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايون تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى ئۈچۈن 44 خىل تىلدا 24 سائەت مۇلازىمەت قىلىدۇ؛ جىددىي تەرجىمە قىلىش  گورۇپپىسى تىل مۇلازىمىتى قىلىدىغان ئارقا سەپ كۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن،  كۆپ خىل تىلدا مۇلازىمەت قىلىش مەركىزىدە تۇرۇپ، جىددىي تەرجىمە قىلىش زۆرۈر بولغان تىللارنى تەرجىمە قىلىدۇ. تەرجىمە گورۇپپىسىنىڭ كەسپىي تەرجىمانلىرى جىددىي تەرجىمە قىلىش گورۇپپىسىنىڭ بۇيرىقىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ئاندىن تىل مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ كۆپ خىل تىلدا مۇلازىمەت قىلىش مەركىزى بېيجىڭ چەت ئەل تىلى ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەسىس قىلىنغان بولۇپ، 7– ئاينىڭ 24– كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي ئىش باشلايدۇ، 9– ئاينىڭ 21–كۈنى ئىشتىن توختايدۇ. بۇ مەركەزنىڭ خادىملىرىنىڭ كۆپىنچىسى بېيجىڭ چەت ئەل تىلى ئىنىستىتۇتىدىكى پىدائىلاردىن تەركىپ تاپقان، باش ئاپپاراتتا 284 پىدائىي بولۇپ ماگىستىردىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگىلەر 47 پېرسەنتنى، دوتسېنت ئۇنۋانى بارلار 26 پېرسەنتنى ئىگىلەيدۇ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نىسبىتى 65 پېرسەنتكە يېتىدۇ؛ جىددىي تەرجىمە قىلىش گورۇپپىسىدا 70 ئادەم بار بولۇپ، ھەممىسى مۇشۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن تەركىپ تاپقان.

     بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىلەن مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە كۆپ خىل تىلدا مۇلازىمەت قىلىش باش ئاپپاراتى تېلېفون ئارقىلىق تەرجىمە قىلىش ئۇسۇلى بىلەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى،  ھەرقايسى  دۆلەت ۋە رايون تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى ئۈچۈن 10 خىل تىلدا 24 سائەت، 34 خىل تىلدا 18 سائەت مۇلازىمەت قىلىدۇ؛ بۇ 44 خىل تىل   ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قاتناشقان دۆلەت ۋە  رايونلار قوللىنىدىغان تىللارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان  بولۇپ، بۇ تىللارنىڭ ئىچىدە  ئىسلاندىيە تىلى، سىنخالا تىلى قاتارلىق ئىشلىتىدىغان نوپۇس سانى ئاز تىللارمۇ بار.   

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ