باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
بېيجىڭ مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاخبارات مەركىزى
2008- 06- 06 16:09 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

       بېيجىڭ 2008–يىللىق مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاخبارات مەركىزى ئولىمپىك خەۋەرلىرى توپلىنىدىغان ۋە تارقىتىلىدىغان مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئاخبارات مەركىزى. مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن مەزگىلدە ئاخبارات ۋاستىلىرى خىزمەت قىلىدىغان جاي بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە ئەھۋالى، ساھىبخان شەھەر ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ھەمدە خەلقلەرنىڭ مەنىۋى قىياپىتى قاتارلىقلارغا ئائىت تۈرلۈك باھالار بۇ يەردىن تارقىلىدۇ. بۇ يەردە 2مىڭ600 مۇخبىرغا 24 سائەت مۇلازىمەت قىلىنىدۇ.  بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاخبارات مەركىزى بېيجىڭ مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاخبارات مەركىزى قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ. بۇ تارىختا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىلەن مېيىپلارئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى قېتىم بىر ئاخبارات مەركىزىنى ئورتاق ئىشلىتىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  

      ئاخبارات مەركىزى لايىھىلەنگەن دەسلەپكى چاغدىلا مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى تولۇق نەزەرگە ئېلىنغان، قۇرۇلۇش قىلىنغاندا دۆلەتنىڭ توسالغۇسىز قىلىپ لايىھىلەش ئۆلچىمى بويىچە تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلغان. ئاخبارات مەركىزى مۇلازىمەت زالى، يېزىق مۇخبىرلىرى ئۆيى، تېلېۋىزىيە مۇخبىرلىرى ئۆيى ۋە سىن مەركىزى، ئىشخانا، ئاخبارات ئېلان قىلىش زالى، مۇخبىرلار ئاشخانىسى قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، جەمئىي تۆت قەۋەت، ئومۇمىي كۆلىمى 60مىڭ كۋادرات مېتىر.

    يېزىق مۇخبىرلىرى ئۆيى ئاخبارات مەركىزىنىڭ 1– قەۋىتىدە بولۇپ، 971 ئورۇن تەسىس قىلىنغان. مۇخبىرلارنى ئالاقىلىشىش، تورغا چىقىش مۇلازىمىتى بىلەن،سىملىق تېلېۋىزىيىنى ئەڭ يېڭى نەق مەيدان مۇسابىقە ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. 2– قەۋەت ئاخبارات ئېلان قىلىش رايونى بولۇپ، ئاخبارات ئېلان قىلىش زالىدىن بەشى بار، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ زالغا 800 ئادەم سېغىدۇ، قالغانلىرىغا 200 دىن 80 گىچە ئادەم سىغىدۇ.

      ئاخبارات مەركىزى مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىلەن بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى ئېنگىلىز، فرانسۇز تىلى قاتارلىق سەككىز خىل تىل تەرجىمە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

   مۇلازىمەت زالى، ئىشخانا ۋە ئاشخانىلاردىمۇ مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، ئەمەلدارلارئىشلىتىدىغان تېلېفون قاتارلىق مەخسۇس مېيىپلار ئىشلىتىدىغان ئۈسكۈنىلەر سەپلەنگەن، مېيىپلارنىڭ ئىشلىتىشىگە قولايلىق.

     ئاخبارات ئېلان قىلىش مەركىزى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەيدان– سارايلىرىنىڭ بىرى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارىخىدىكى ئەڭ كاتتا بىنالارنىڭ بىرى. ئاخبارات مەركىزىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى ئەۋزەل بولۇپ، ئولىمپىك باغچىسىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، دۆلەت تەنتەربىيە مەيدانى بولغان‹‹قۇش چاڭگىسى ›› تەنتەربىيە مەيدانى بىلەن بولغان ئارىلىقى 800 مېتىر، ‹‹ شۈيلىفاڭ››دۆلەت تەنتەربىيە مەيدانى ۋە باشقا تەنتەربىيە مەيدان– سارايلىرى بىلەن بولغان ئارىلىقىمۇ يېقىن. ئۇنىڭ شىمال ۋە جەنۇپ تەرىپىدە 3 ۋە بەش يۇلتۇزلۇق مېھمان– ساراي بار بولۇپ، مۇخبىرلار يېتىپ قوپىشىغا قولايلىق.  

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ