باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
2008–يىللىق بېيجىڭ مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ تور پونكىتى رەسمىي ئېچىۋېتىلدى
2008- 06- 05 12:22 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     2008– يىللىق جۇڭگو بېيجىڭ مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ تور پونكىتى يېقىندا رەسمىي ئېچىۋېتىلدى. بېيجىڭ مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ تور پونكىتى خەنزۇچە ۋە ئېنگىلىزچە ئىككى خىل تىل نۇسخىدا تورداشلارغا بېيجىڭ مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۈرلۈك مەزمۇنلىرىنى تەپسىلى تونۇشتۇرىدۇ. مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى داۋامىدا، بېيجىڭ مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ تور پونكىتى ھۆكۈمەت تەرەپ خەۋەرلىرى، مۇسابىقە نەتىجىسى، ئالتۇن مېدال تەرتىۋى، مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە خەۋەرلىرىنى تۇنجى بولۇپ ئېلان قىلىدۇ، ھەمدە مۇھىم ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرىنى بىۋاستە خەۋەر قىلىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، بېيجىڭ مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ تور پونكىتى تور خەۋەرلىرىدە توسالغۇسىز بولۇش جەھەتتە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. مەيدان– ساراي، تاماشىبىنلار مۇلازىمىتى، بېلەت ئىشلىرى، ئاخبارات ۋاستىلىرىنى يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق سەھىپىلەنى مەخسۇس تەسىس قىلغان. مېيىپلارنىڭ ئالاھىدە ئېھتىياجىغا ئاساسەن، تور پونكىتى يەنە توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنى تونۇشتۇرۇش تۈرىنى تەسىس قىلغان. ئابونتچىلار يەنە ئېلېكتىرونلۇق خەرىتە ئارقىلىق ناھايىتى ئاسانلا مۇسابىقە مەيدانلىرى، ساياھەت نۇقتىلىرىنىڭ ئورنى ياكى ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسى ۋە يول لېنىيىلىرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى سۈرۈشتە قىلالايدىكەن.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ