|

1 – ئىيۇن، تۇرپان شەھىرى ئۈزۈمچىلىك يېزىسىدىكى كەشتىچىلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى رەھىمىگۈل ياسىن ئون ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ ماۋ جۇشى ۋە قۇربان تۇلۇمنىڭ قول ئېلىشىپ تۇرغان سۈرىتى ، تۇرپان سۇلايمان ۋاڭ مۇنارى ۋە نۆۋەتتىكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بەلگىسى باش تېما قىلىنغان ئۇزۇنلۇقى سەككىز مېتىر، كەڭلىكى ئۈچ مېتىر كېلىدىغان ئولىمپىكقا ئاتالغان بىر پارچە كەشتە ئەسىرىنى تىكىپ پۇتتۈردى .
28 ياشلىق رەھىمىگۈل ياسىن مۇنداق دېدى: ‹‹ مېنىڭ پەقەت بىرلا ئارزۇيۇم بار، ئۇ بولسىمۇ بۇ كەشتە ئەسىرىمنى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئاپىرىپ ، دۇنيا خەلقىگە جۇڭگولۇقلارنىڭ ئولىمپىككە بولغان تەلپۈنۈشىنى، شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ، شىنجاڭنىڭ ئوبرازىنى نامايەن قىلىش›› .

رەھىمگۈل مۇخبىرنىڭ سورىغان سۇئالىغا جاۋابەن مۇنداق دېدى : ‹‹ئولىمپىك ئىزنىكىنى توغرا چۈشۈرۈش ئۈچۈن مەن بىر قانچە ئېلان شىركىتىگە بېرىپ ، ئۇلارغا ماڭا ئۆلچەملىك ئولىمپىك ئىزنىكىنى لايىھىلەپ بېرىشنى ئېيتتىم . ئۇلار ماڭا ئىنتايىن قىزغىن بولۇپ ، ماڭا يېقىندىن ياردەم بەردى . ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى يېقىنلاپ قېلىۋاتىدۇ ، مەن بۇ كەشتە ئەسىرىمىنى تېز پۈتتۈرۈش ئۈچۈن ئارام ئېلىشقىمۇ قىيماي ، بۇنى ئاخىرى كۆڭلۈمدىكىدەك تىكىپ چىقتىم ›› .
|