باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
مەشئەل يەتكۈزگۈچى قادىر قۇربان
2008- 06- 03 11:43 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     قادىر قۇربان سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ھەرىكەت تېخنىكا تارماق ئەترىتىنىڭ سىياسىي كومىسسارى، ئۇ ھازىر سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئەرزىيەت ئىدارىسىدا ۋەزىپە بىلەن چېنىقىۋاتىدۇ. قادىر قۇربان مەشئەل يەتكۈزگۈچى بولغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال بولدى، ئۇ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىمىزدا نۇرغۇن مۇنەۋۋەر خادىملار بار، شۇنداق بولسىمۇ بۇ شان - شەرەپنىڭ ماڭا نىسىپ بولۇشى يالغۇز مېنىڭلا شان - شەرىپىم بولماستىن، بۇ بارلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ ھەمدە شۇلارغا تەۋە. مەن جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى خىزمەتداشلىرىمغا ۋەكالىتەن مەشئەل يەتكۈزگۈچى بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن ھەم بۇ شان - شەرەبنى ئىنتايىن قەدىرلەيمەن.

   خىزمەتكە قاتناشقىنىغا 17 يىل بولغان قادىر قۇربان ئىلگىرى— كېيىن بولۇپ، تۈرلۈك ئالاھىدە زور گومانلىق دېلولاردىن 300 پارچىدىن كۆپرەكنى تەھقىقلەپ بېجىردى، قاتىللىق، بولاڭچىلىق، ئوغرىلىق، زەھەر سېتىش قاتارلىق دېلولارغا بىۋاستە قاتنىشىپ، 180 دىن كۆپرەك جىنايەت گوماندارىنى قولغا چۈشۈردى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مەن گەرچە پىشقان جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىسى بولۇپ قالغان بولساممۇ، لېكىن ھەر كۈنى ئۆز خىزمىتىم ۋە تۇرمۇشۇمغا تولۇپ - تاشقان ئىشەنچ ۋە قىزغىنلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىمەن، ئۆز خىزمىتىمنى بىجانىدىل ئىشلەپ، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ غەلبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىمەن.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ