باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
22–نۆۋەتلىك يازلىق ئو ت م
2008- 05- 30 09:58 شىنجاڭ گېزىتى

     22 – نۆۋەتلىك ئو ت م 1980 – يىل 19 – ئىيۇلدىن 3 – ئاۋغۇستقىچە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئۆتكۈزۈلگەن ۋاقتى 15 – نۆۋەتلىك ئو ت م ئۆتكۈزۈلگەن ۋاقىت بىلەن ئوخشاش. ئىككى نۆۋەتلىك ئو ت م نىڭ ئۆتكۈزۈلگەن ئاي، كۈنىنىڭ ئوخشاش بولۇشى ئو ت م تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىش بولۇپ، بۇنداق بولۇشىنى ئولىمپىك تەشكىلىي كومىتېتى ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرغان. 15 – نۆۋەتلىك ئو ت م گە سوۋېت ئىتتىپاقى تۇنجى قېتىم قاتناشقان، بۇ سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئو ت م تەرەققىياتىنىڭ يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بەرگەن.

     22 – نۆۋەتلىك ئو ت م 1980 – يىل 19 – ئىيۇل چۈشتىن كىيىن سائەت 2 دە موسكۋا مەركىزىي تەنتەربىيە سارىيىدا رەسمىي باشلانغان. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى كىللانىن ئۆزىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدىكى ئاخىرقى بىر نۆۋەتلىك ئو ت م گە رىياسەتچىلىك قىلغان، ئىسپانىيىلىك خۇئان ئانتونىئو سامارانچ يېڭى رەئىسلىككە نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن.

     سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ، تىنچلىق، دوستلۇقنىڭ سىمۋولى ھېسابلىنىدىغان ئولىمپىك روھىغا خىلاپلىق قىلغاچقا، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئېتىراپ قىلىدىغان 147 دۆلەت ۋە رايوننىڭ بەشتىن ئىككىسى بۇ نۆۋەتلىك ئو ت م گە قاتنىشىشقا ئاشكارا بايقۇت قىلغان ھەم قاتنىشىشنى رەت قىلغان. نەتىجىدە بۇ نۆۋەتلىك ئو ت م گە 81 دۆلەتلا قاتناشقان. 16 كوماندا مەيدانغا كىرىش مۇراسىمىدا ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت بايرىقىنى چىقارماي، ئولىمپىكنىڭ بەش ھالقا بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن بايراقنىلا چىقارغان؛ ئون كوماندىنىڭ بايراقچىسىلا مەيدانغا كىرگەن، تەنھەرىكەتچىلىرى مەيدانغا كىرمىگەن. ئامېرىكا، ياپونىيە، غەربىي گېرمانىيە، كانادا، ئاۋسترالىيە، جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەر بايقۇت قىلىش سىياسىتىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، بۇ نۆۋەتلىك ئو ت م گە قاتناشمىغان. بۇ قېتىمقى ئو ت م گە جەمئىي 5872 تەنھەرىكەتچى(5748 تەنھەرىكەتچى قاتناشقان دېگەندەك گەپمۇ بار) قاتناشقان، ئۇنىڭ ئىچىدە 1274 ئايال تەنھەرىكەتچى بار. 22 – نۆۋەتلىك ئو ت م دە يەنىلا 21چوڭ تۈر تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئاياللارنىڭ خوككېي توپى تۇنجى قېتىم ئو ت م تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن. سوۋېت ئىتتىپاقى تۇنجى قېتىم بارلىق چوڭ تۈردىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 80 ئالتۇن، 69 مىس، 46 كۈمۈش مېدال ئېلىپ بىرىنچى بولغان.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ