باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ئاپتونوم رايونىمىزدىن جىڭگاڭشەندە ئولىمپىك مەشئىلى يەتكۈزۈش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولغان چۈ زۇچېڭ
2008- 05- 29 12:46 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     مۇشۇ ئاينىڭ 16– كۈنى، ئىنقىلابىي مۇقەددەس جاي جىڭگاڭشەندە  بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ  مەشئىلىنى يەتكۈزگەن چۈ زۇچىڭ ئولىمپىك مەشئىلى قۇتىسىنى كۆتۈرۈپ، ئۈرۈمچى ئايرۇدرومىدىن چىقىپ كەلدى.   

     42 ياشقا كىرگەن چۈ زۇچىڭ كورلىدىن كەلگەن بولۇپ، جۇڭگو ئاشلىق گوروھى شىنجاڭ كوكا كولا چەكلىك شېركىتىنىڭ تەۋسىيە قىلىشى بىلەن، 2008– يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئەل يەتكۈزگۈچىسى بولغانىدى. ئۇ مۇنداق دىدى: مەن گەرچە ئەڭ مۇنەۋۋەرلەردىن بولمىساممۇ، لېكىن مەن ئەڭ بەختلىك، مەن جۇڭگو ئاشلىق گوروھى كوكا كولا شېركىتىگە رەھمەت ئېيتىمەن! چۈ زۇچىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 15– كۈنى ئىنقىلاپنىڭ بۆشۈكى جىڭگاڭشەندىكى 87– مەشئەل يەتكۈزگۈچى بولغان، ئولىمپىك مەشئىلىنى كۆتۈرۈپ يۈگۈرگەن بۇ 60 مېتىر شەرەپلىك ئارىلىق ئۇنىڭ ئەڭ مەغرۇرلىنىدىغان ھەم ئېسىدە مەڭگۈ ساقلايدىغان خاتىرەبولۇپ قالدى!

     كوكا كولا شېركىتى 80 يىللاردىن باشلاپ خەلقئارا بويىچە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ھەمراھى بولۇپ كەلگەن، 1992– يىلىدىن باشلاپ ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈشكە ھەمراھ بولغاندىن تارتىپ2006–يىلىغىچە، كوكا كولا شېركىتىنىڭ خەلقئارادىكى بارلىق سىستېمىسى 12 مىڭدىن كۆپرەك مەشئەل يەتكۈزگۈچى ۋە مۇھاپىزەتچى تاللاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارىخىدا ئەڭ كۆپ ئولىمپىك مەشئىلى يەتكۈزگۈچى تاللىغان ئورۇن بولۇپ قالغان.

    2008–يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو ئاشلىق گوروھى كوكا كولا ئىچىملىكى شىنجاڭ چەكلىك شېركىتى ئاممائىچىدىن 10 نەپەر كوكا كولا ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزگۈچى تاللاپ، ئۇلارنى يۆياڭ، گۈيياڭ، گېرمو، شىنىڭ، لەنجۇ، كۆكخوت قاتارلىق رايونلارغا ئولىمپىك مەشئىلى يەتكۈزۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئولىمپىك مەشئىلى يەتكۈزگۈش ماھىرلىرىنى مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ئېۋەتتى!

     مۇشۇ ئاينىڭ 12– كۈنى ۋېنچۇەندە ئېغىر يەر تەۋرىدى، ئەتىسى كوكاكولا شېركىتى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا ئىچىملىك ۋە نۇرغۇنلىغان چوڭ كۈنلۈك ئاپىرىپ بەردى، ھەم 5 مىليۇن يۈەن ئىئانە قىلدى. جۇڭگو ئاشلىق گوروھىمۇ تۇنجى بولۇپ 10 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى، ئىشچى- خىزمەتچىلىرى مۇشۇ ئاينىڭ 15- كۈنىگە قەدەر 700 مىڭ يۇەن ئىئانە قىلدى! مۇشۇ ئاينىڭ 19–كۈنىگە قەدەر، كوكاكولا شېركىتى ۋە جۇڭگو ئاشلىق گوروھىنىڭ ئومومى ئىئانە سوممىسى  31 مىليون يۈەنگە يەتتى!

     ئاپەت رەھىمسىز بولسىمۇ، لېكىن سېھىرلىك ئوت ئارقىلىق مۇھەببەت يەتكۈزۈلىدۇ! كوكا كولا ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزگۈچى چۈ زۇڭچىڭ مەشئەل يەتكۈزۈش ئارقىلىق، پۈتۈن شىنجاڭ خەلقىنىڭ ياردەم ۋە تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى ھەمدە ئاپەت يۈر بەرگەن رايوندىكى خەلق ئاممىسىغا تېخىمۇ ئىشەنچ ۋە جاسارەت ئېلىپ كەلدى!

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ