|
سانجى شەھىرى ‹‹بېندى›› مەسچىتىنىڭ ئىمامى كۇ جىنفا ھازىر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىلىملىرىنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىۋاتىدۇ. 2008– يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەشئىلىنى يەتكۈزگۈچىنىڭ بىرى بولغان كۇ جىنفانىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى دىنىي پائالىيەتلەردە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىلىملىرىدىن ساۋات بېرىش مەسئۇلىيىتى بار بولدى.
كۇ جىنفا مۇنداق دىدى: ئولىمپىك روھى بىر خىل تەنھەرىكەت روھى بولۇپلا قالماستىن، دۇنيانىڭ تېنچلىقىغا، ئىناقلىقىغا، ھەمكارلىقىغا، دوستلۇق ۋە ئىتتىپاقلىقىغا سىمۋوللۇق قىلىنغان، شۇڭا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەشئىلىنى يەتكۈزۈش مۇقەددەس ئىش. ئىشىنىمەنكى، 2008– يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئىتتىپاقلىق كاتتا يىغىلىشى بولىدۇ.
|