باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ئولىمپىك سوۋغىسى — ‹‹ئۈنچە توپ››
2008- 05- 28 15:52 تەڭرىتاغ تورى

     ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەلقەم راخمان خەۋىرى ، فوتوسى : قۇمۇل شەھىرى شەھەر ئىچى يېزىسى جىگدە قۇدۇق كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق رىسالەتخان داۋۇت بىر يىلغان يېقىن ۋاقىت سەرپ قىلىپ ، 21 خىل رەڭلىك  10 مىڭ تالدىن ئارتۇق ئۈنچىدىن پايدىلىنىپ ، ئولىمپىكقا ئاتالغان ۋالىبول مودېلىنى ياساپ چىقتى .

    بۇ ئۈنچىدىن ياسالغان ۋالىبول مودېلى جەمئىي 6 بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ ، ئۇنىڭ بىر بۆلىكىگە 2008 – يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ بەلگىسى ، قالغان 5 بۆلىكىگە بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ قۇت بەلگىسىى بولغان بەش شادىمان بالىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن بولۇپ ئىنتايىن نەپىس ھەم كۆركەم قىلىپ ئىشلەنگەن . 

     رىسالەتخان داۋۇت مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:  ‹‹ بۇ توپقا قۇمۇل خەلقىنىڭ ئولىمپىك روھى سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ ، مەن بۇ توپنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئارقىلىق قۇمۇل خەلقىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈش سوۋغىسى سۈپىتىدە بېيجىڭ ئو ت م تەشكىلى كومىتېتىغا ئەۋەتىپ بەرمەكچى بولۇۋاتىمەن›› .  

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ