باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
مېيىپ قىزنىڭ رىئاللىققا ئايلانغان ئولىمپىك چۈشى
2008- 05- 21 12:39 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     كۆزىنىڭ توغما ئەما بولۇشى گۈدەك نۇرگۈلنى ئازاپلىدى. ئۇ بالىلار بىلەن خالىغانچە ئوينىيالمايتتى، تۇرمۇشتا بولسا داۋاملىق بىر ئادەم ئۇنىڭ يېنىدا تۇرمىسا بولمايتتى. نۇرگۈل ئەما بولغىنى بىلەن كىچىكىدىن باشلاپلا ناخشا- مۇزىكىغا ئالاھىدە قىزىقاتتى. ئۇنىڭ ئوقۇش قىزغىنلىقىمۇ ئىنتايىن يۇقۇرى ئىدى. لېكىن ئۇ باشقا بالىلارغا ئوخشاش ئادەتتىكى مەكتەپلەرگە كىرىپ ئوقۇيالمايتتى. قاراڭغۇ دۇنيادا يورۇقلۇق ئىزدەشكە ئىنتىلىۋاتقان بۇ قىز ئۆزىنىڭ بىر ئۆمۈر بىلىمسىز بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتى. بەختكە يارىشا 1983– يىلى سەككىز ياشقا كىرگەن نۇرگۈل ئاچىسىنىڭ ياردىمى بىلەن ئەمالار مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىردى. شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇنىڭ مۇستەقىل، ئەمما جاپالىق تۇرمۇشى باشلاندى. بۇ يول تولىمۇ مۇشەققەتلىك، ئەلۋەتتە. 2– يىللىققا چىققان يىلى يازدا كۈتۈلمىگەن بىر ئىش يۈز بەردى. ئۇ چۈشلۈك تامىقىنى يەپ بولۇپ قاچىسىنى يۇيۇش ئۈچۈن تازىلىق ئۆيىگە كىردى. تازىلىق ئۆيىنىڭ ئوتتۇرىغا  بىر داس قايناقسۇ قويۇپ قويۇلغان بولۇپ، نۇرگۈل ئېھتىياتسىزلىقتىن بۇ داسقا سوقۇلۇپ كەتتى. داستىكى سۇ تۆكۈلۈپ ئۇنىڭ مۆرىسىدىن بېلىگىچە كۈيۈپ قالدى. ئۇنىڭ ئېچىنىشلىق يىغلىغان ئاۋازى كارىدورنى بىر ئالدى. تۇمۇز ئىسسىق كۈنلەردە ئۇنىڭ كۈيۈك يارىسىنىڭ ساقىيىشى ئاسانغا توختىمىدى، مۇشۇ ئىش سەۋەپلىك ئۇنىڭ ئاپىسى ئۇنى مەكتەپتىن چىقىرىۋالماقچىمۇ بولدى، بىراق نۇرگۈلنىڭ بىلىمگە بولغان ئىشتىياقى ئاپىسىنى قايىل قىلدى. 1987–يىلى ئۇ ئۈرۈمچى ئەمالار مەكتىپى جۇڭگو تىبابىتى بويىچە يىڭنە سانجىش ۋە داغلاپ ئۇۋىلاش ئوتتۇرا تېخنىكوم سىنىپىغا ئوقۇشقا كىردى ۋە ئۈچ يىلدا ئاناتومىيە، فىزوئولوگىيە، پاتولوگىيە، جۇڭگو تىبابىتى ئاساسلىرى، جۇڭگو تىبابىتى بويىچە دىئاگنوز قويۇش قاتارلىق 20 نەچچە دەرسلىكنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملىدى. 1990- يىلى نۇرگۈل ئۆزى ئوقۇغان مەكتەپنىڭ ئامبۇلاتورىيىسىدە ئىشقا چۈشتى. 1993- يىلى ئەمالارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئېمتىھانىغا قاتنىشىش تۈزۈمى تۇنجى قېتىم يولغا قويۇلدى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان نۇرگۈل چەكسىز خوشاللىققا چۆمدى. ئۇ ئىككى ئايدىن ئارتۇق تەييارلىق قىلىپ شۇ يىلقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشتى ھەمدە شىنجاڭ جۇڭگو تىبابىتى ئېنىستىتوتىنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى تاپشۇرىۋالدى. ئۇنىڭ ئۆز كەسپىنى داۋاملىق تاكامۇللاشتۇرۇش ئۈمىدى ئاخىرى ئىشقا ئاشتى. نۇرگۈل بىر تەرەپتىن ئوقۇپ، بىر تەرەپتىن ئىشلەپ ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ۋە ئوقۇش راسخودىنى ھەل قىلدى. 1997- يىلى ئىيولدا نۇرگۈل 4 يىللىق ئوقۇش ھاياتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈردى. ئۇ موقىم خىزمەتكە ئېرىشتى. ئۇنىڭ ئاتا–ئانىسىمۇ ئەمدى ئۇنىڭدىن خاتىرجەم بولدى. لېكىن نۇرگۈلگە نىسبەتەن بۇ تېخى يېتەلىك ئەمەس ئىدى. ئۇ ئەمدى داڭلىق ناخشىچى بولۇشتىن ئىبارەت ئۇزاق مۇساپىلىق يولنى تاللىۋالغانىدى. شۇ ۋاقىتلاردا ئۇ ئۆزىنىڭ بىر ناخشا پىلاستىنكىسى بولۇشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى. دەل شۇ چاغدا 1996- يىلى قۇرۇلغان شىنجاڭ مېيىپلار سەنئەت ئۆمىكى ئۇنىڭ ناخشا ئېيتىش ئالاھىدىلىكىنى بايقاپ ئۇنى تەكلىپ قىلدى. بۇ نۈرگۈل ئۈچۈن ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ياخشى پۇرسەت ئىدى. بىراق ئۇ ئۆزى ئۈگەنەن كەسىپنىمۇ تاشلاپ قويمىدى. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ ئۆزى يىغقان پۇللىرىنى ئۆزىنىڭ   پىلاستىنكىسىنى چىقىرىش ئىشلىرىغا ئىشلەتتى. ئىكككى يىل تەييارلىق قىلىش نەتىجىسىدە بۇلتۇر فېۋرالدا نۇرگۈل مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆزىنىڭ تۇنجى ئۇيغۇرچە  ناخشا پىلاستىنكىسى ‹‹خۇش قال››نى بازارغا سالدى. بۇ پىلاستىنكىنىڭ بازارغا سېلىنىشى ئاممىنىڭ يۈكسەك دىققەت– ئېتىبارىنى قوزغىدى. نۇرگۈلگە چىن قەلبىدىن قايىل بولغۇچىلارنىڭ تېلېفونى ئۈزۈلمىدى. تەبرىك سۆزلىرى، ئۇتۇق تىلەشلەر ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدىن بىر نەچچە ئايغىچە نېرى كەتمىدى. لېكىن نۇرگۈل بۇنىڭلىق بىلەن قانائەتلىنىپ قالمىدى. ئۇ بۇ توغرىسىدا مۇخبىرغا مۇنداق دىدى:

     — مەن بۇنچىلىك نەتىجىلەرگە قانائەتلىنىپ قالمايمەن، ھازىر خەنزۇچە ناخشا پىلاستىنكىسى چىقىرىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىمەن، بەلكىم بۇ بەكرەك قېيىن بولۇشى مۆمكىن. شۇنداقتىمۇ ئاۋازىمنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئاڭلىشى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تىرىشىمەن. 

     نەتىجە يەنىلا تىرىشقانلارغا مەنسۇپ. بۇ يىل ئاپىرىلدا نۇرگۈلگە بىر خوش خەۋەر كەلدى. ئەينى ۋاقىتتا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى داڭلىق ناخشىچى باھارگۈل ئېيتقان ‹‹ئانارگۈل›› دېگەن ناخشا سانسىزلىغان تاماشىبىنلارنى تەسىرلەندۈرگەنىدى. بۇ يىل ئاپىرىلنىڭ باشلىرىدا ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلار بىرلەشمىسى بېيجىڭ ئولىمپىك تەشكىلى ھەيئىتى  ۋە جۇڭگو مېيىپلار بىرلەشمىسىدىن كەلگەن بىر ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇپ ئالدى. ئۇقتۇرۇشتا :‹‹تۆت نەپەر شىنجاڭلىق مىيىپ قىز تۆت بۆلەك ناخشا شەكلى بويىچە بېيجىڭ مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا <ئانارگۈل> دىگەن ناخشىنى ئېيتىپ چىقىدۇ››دېيىلگەنىدى. بۇ تۆت نەپەر شىنجاڭلىق قىزنىڭ بىرسى نۇرگۈل ئىدى. ئۇ مۇنداق دىدى:

     — بۇ يىل بېيجىڭ ئولىمپىك يىلى، مەن تاللىنالىغىنىمدىن ئىنتايىن شەرەپ ھىس قىلىمەن. بۇ پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ چوڭ ئىشى، مەن چوقۇم مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنداپ چىقىشىمغا ئىشىنىمەن. 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ