باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ئاپتونوم رايونىمىزدا ئولىمپىك مەشئىلى يەتكۈزۈش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولغان گاۋ يىڭ
2008- 05- 21 12:37 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

      قەشقەر ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەركىزىنىڭ ئۆسۈملۈك ئاسراش كادىرى گاۋ يىڭنىڭ ‹‹ ئۆسۈملۈك دوختۇرى››، ‹‹زىرائەت مۇھاپىزەتچىسى›› دېگەن نامى بار.

     گاۋ يىڭ ئۆزىنىڭ 2008– يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئەل يەتكۈزگۈچىسى بولۇپ تاللانغانلىقىنى ئاڭلاپ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئۆزۈمنىڭ مەشئەل يەتكۈزگۈچى بولۇپ تاللانغانلىقىمنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇش بولدۇم، بۇ ھاياتىمدىكى ئەڭ چوڭ بەخت، دوستلىرىمنىڭ ھەممىسى مېنىڭ مەشئەل يەتكۈزگۈچى بولغانلىقىمدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، تېلېفون بېرىپ، قىسقا ئۇچۇر يوللاپ تەبرىكلىدى. گاۋ يىڭ مەيلى پەيزىۋات ناھىيىسىدە خىزمەت قىلغان ئون يىلدا بولسۇن، مەيلى قەشقەر ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەركىزىدە خىزمەت قىلغان 17 يىلدا بولسۇن، جاپادىن باش تارتماي، پۈتۈن ۋۇجۇدىنى خىزمەتكە بېغىشلىدى. ئۇنىڭ ئايىغى يەتمىگەن يېزا– كەنت، ئېتىز– ئېرىق قالمىدى، كېسەل ۋە ھاشارەت ئاپەتلىرى يۈز بەرگەن جايلار ئۇنىڭغا بەش قولدەك ئايان ئىدى. خىزمەتتىكى نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغانلىقتىن، ئۇ كۆپ قېتىم ‹‹8- مارت›› قىزىل بايراقدارى،  مۇنەۋۋەريېزا ئىگىلىك پەن–تېخنىكا خىزمەتچىسى قاتارلىق شەرەپلەرگە نايىل بولدى.

      مەشئەل يەتكۈزگۈچى بولۇپ تاللانغاندىن كېيىن، گاۋ يىڭ تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى. قولى ئىشتىن بوشىسىلا، مەشئەل يەتكۈزۈشكە ئالاقىدار خەۋەرلەرگە ئالاھىدە دېققەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دىدى: 2008–يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەشئىلىنى يەتكۈزگۈچى بولغانلىقىمدىن ناھايىتى پەخىرلەندىم، مەشئەل يەتكۈزۈش مەجبۇرىيىتىمنى ياخشى ئادا قىلىپ، ئولىمپىك مەدەنىيىتى، ئولىمپىك روھىنى ئوبدان تەشۋىق قىلىمەن.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ