|
شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتى ئۇچۇر ئىلمى ۋە قۇرۇلۇش ئېنىستىتوتىنىڭ پروفېسسورى ھوشۇر ئىسلامنىڭ 2008 –يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئەل يەتكۈزگۈچىسى بولغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتىغا تارقىلىشى بىلەن مەكتەپ قورۇسى قاينام– تاشقىنلىققا چۆمدى. بۇنىڭدىن ئىپتىخارلانغان ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ھوشۇر ئىسلامنى تەبرىكلىدى.
ھوشۇر ئىسلام ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارغا ئىنتايىن ھاياجانلانغان ھالدا: ‹‹2008– يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئەل يەتكۈزگۈچىسى بولۇش مەن ئۈچۈن يۈكسەك شان– شەرەپ ۋە مۇقەددەس بۇرۇچ››،– دېدى.
مەملىكەت دەرىجىلىك ئالاھىدە تۆھپە ياراتقان مۇتەخەسسىس، گوۋۇيۇەننىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان مۇتەخەسسىس، مەملىكەتلىك ئىلغار خىزمەتچى بولغان پروفېسسور ھوشۇر ئىسلام كومپىيوتېر ساھەسىدە مەملىكەت ئىچى– سىرتىدا تونۇلغان مۇتەخەسسىس. ئۇ ئىلگىرى– كېيىن بولۇپ دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نۇقتىلىق تەتقىقات پىلانلىرىنىڭ 17 تۈرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى ھەمدە مىللى يېزىقنى كومپىيوتىر ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش يېڭى ساھەسىدە 20 دىن ئارتۇق كۆپ خىل تىل ئۇچۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسىنى ۋە يۇمشاق دېتالىرىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى. ئۇ نۇرغۇن قېتىم دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. پروفېسسور ھوشۇر ئىسلام يەنە 70 دىن ئارتۇق ئاسپرانت ۋە ياش تايانچىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى.
ھوشۇر ئىسلام مۇنداق دىدى: ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېلىمىزدە ئۆتكۈزۈلۈشى جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئۈچۈن زور بىر خوشاللىق، شۇنداقلا دۇنياغا ئېلىمىز خەلقىنىڭ تېنچلىقنى قىزغىن سۆيىدىغانلىقىنى نامايەن قىلىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى. مەن كۆپچىلىكنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، شىنجاڭدىكى باشقا مەشئەل يەتكۈزگۈچىلەر بىلەن بىللە ئولىمپىك روھىنى ۋە تېنچلىق، دوستلۇق، ئىلگىرلەشتىن ئىبارەت ئولىمپىك دەستۇرىنى تارقىتىمەن.
|