باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ئوغلۇمدىن چەكسىز پەخىرلىنىمەن
2008- 05- 19 15:22 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     يېقىندا،‹‹ شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ پىشقەدەم ئەزاسى››، زور شان– شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈرگەن داڭلىق بوكس ماھىرى ئابدراخمان ئابلىكىم جۇڭگو بوكس كومانسى بىلەن بىللە، ئامېرىكىدىكى بىر قاتار تەكلىپ مۇسابىقىلىرىغا قاتنىشىش ئۈچۈن، ئامېرىكىغا يۈرۈپ كەتتى، بۇنىڭدىكى مەقسەد — روھىي ھالەتنى پائال تەڭشەپ، ئەڭ ياخشى ھالەت بىلەن كېلەر يىلقى مەملىكەتلىك 11 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قاتنىشىپ، شىنجاڭ ئۈچۈن قىممەتلىك بىر ئالتۇن مېدال ئېلىپ بېرىش ئىدى. ئابدۇراخمان ئابلىكىم گەرچە بۇ يىلقى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدا ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.

      يېقىندا، ئابدۇراخمان ئابلىكىمنىڭ ئاپىسى ئاتىكەم مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: ئوغلۇم ئابدۇراخماننىڭ 2008 –يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەشئىلىنى يەتكۈزگۈچى بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، بەك خوش بولدۇم، مەن ئۇغلۇمدىن چەكسىز پەخىرلىنىمەن، ئۇ ئامېرىكىغا كەتكەچكە، ئۇ بۇ ئىشتىن خەۋەرسىز، مەن دەرھال بالامغا تېلېفون بېرىپ، ئۇنىڭغا ئۇقتۇرىمەن.

     ئابدۇراخماننىڭ دادىسى ئابلىكىم ئوغلى ئابدۇراخماننىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەشئىلىنى يەتكۈزگۈچى بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، مۇنداق دېدى: مەن بۇ خۇش خەۋەرنى قەشقەر، غۇلجا، ئالتاي، ئۈرۈمچىدىكى بارلىق ئۇرۇق – تۇغقانلىرىمغا ئۇقتۇرۇپ، ئۇلارنى بۇ چەكسىز خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمەن قىلىمەن.

      ئابدۇراخمان ئابلىكىم 1999– يىلى شىنجاڭ بوكس كوماندىسىغا كىرىپ، شۇ يىلى 10– ئايدا 20 –نۆۋەتلىك ئاسىيا بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدا چىمپيون بولدى ھەمدە 2000 – يىللىق سىدنىي ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى. ئۇ دۇنيا ۋە مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەردە كۆپ قېتىم ئالدىنقى 3 نىڭ قاتارىغا كىردى، 2001 – يىلى مەملىكەتلىك 9 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدا چىمپيون بولدى. 2000 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئىلغار خىزمەتچى، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن 10 ياشنىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ