|

2008 – يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى نەنچاڭدا يەتكۈزۈش پائالىيىتى بۈگۈن (16 – ماي) چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8 دە نەنچاڭ ‹‹1 – ئاۋغۇست›› مەيدانىدا باشلاندى .

مەشئەل يەتكۈزۈش پائالىيىتى باشلىنىشتىن ئىلگىرى ، پۈتۈن مەيداندىكى ئامما بىر مىنۇت سۈكۈتتە تۇرۇپ ، سىچۈەندىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈپ ، ئاپەت رايونىدىكى خەلققە بولغان چوڭقۇر ھېسداشلىقىنى ئىپادىلىدى .
ئىگىلىنىشچە ، ئاپەت رايونىنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يېقىندىن ماسلىشىش ئۈچۈن ئولىمپىك تەشكىلىي كومىتېتى نەنچاڭدىكى مۇقەددەس ئوتنى يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى ئەسلىدىكى بىر كۈندىن يېرىم كۈنگە قىسقارتقان بولۇپ ، مەشئەل يەتكۈزۈش پائالىيىتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8 دىن چۈش سائەت 12دىن 30 مىنۇتقىچە داۋام قىلغان . مەشئەل يەتكۈزۈش لىنىيىسىدىمۇ ئازراق ئۆزگىرىش بولۇپ ، تەڭشەلگەندىن كېيىنكى يەتكۈزۈش لىنىيىسىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 35 كىلومېتىر بولغان . نەنچاڭدىكى مەشئەل يەتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ ۋاقتى ۋە ئورنىدا ئۆزگىرىش بولغان بولسىمۇ ، بىراق نەنچاڭ شەھىرىدىكى خەلقنىڭ ئولىمپىك قىزغىنلىقى ھەسسىلەپ ئېشىپ ، مەيدان قاينام – تاشقىنلىققا چۆمگەن .

ئامما بەس – بەستە پۇل ئىئانە قىلماقتا
ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، نەق مەيداندا ئاپەت رايونىدىكى ئاممىغا مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش ئىئانە تووپلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى . نەنچاڭدىكى 208 نەپەر مەشئەل يەتكۈزگۈچى باشلامچى بولۇپ ، ئاپەت رايونىدىكى ئاممىغا 138 مىڭ يۈەن پۇل ئىئانە قىلىپ ، نەنچاڭ خەلقىنىڭ ئاپەت رايونىدىكى ئاممىغا بولغان كۆڭلىنى ئىپادىلىدى .

ئىئانە توپلاش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش
|