|
يېقىندا، جۇڭگو ئاشلىق گوروھى كوكاكولا ئىچىملىكى شىنجاڭ چەكلىك شېركىتىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلى كومىتېتىغا ئالاھىدە ئىلتىماس قىلغان بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قۇت مەشئىلى ئاقسۇ ۋىلايىتىگە ئېلىپ بېرىلىپ، ئارال شەھىرىدىكى تارىم ئۇنۋېرستتىدا كۆرگەزمە قىلىندى. نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچى–ئوقۇتقۇچى، ئىشچى– خىزمەتچىلەر قۇت مەشئىلنى كۆرگىلى نەق مەيدانغا كېلىپ، 2008– يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلىنىڭ ھەقىقى قىياپىتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولدى. نەق مەيداندا ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار تەنتەنە قىلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ فوتو ئاپپاراتى، DV ئاپاراتى ۋە يان تېلېفونلىرى ئارقىلىق ئۆزلىرى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقان ئولىمپىك مەشئىلىنى سۆرەتكە تارتىۋالدى ھەمدە نۆۋەت بىلەن ئۇنىڭ يېنىدا خاتىرە سۆرەتلەرنى قالدۇردى. ئاندىن ئولىمپىك قۇت مەشئىلى زاۋۇتلارغا ئېلىپ كىرىلىپ، زاۋۇت ئىشچى- خىزمەتچىلىرى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولدى. چۈشتىن كېيىن، ئولىمپىك قۇت مەشئىلى يەنە ئاقسۇ شەھىرىگە ئېلىپ كىرىلىپ، خەلق ئاممىسىغا كۆرسىتىلدى. ئولىمپىك قۇت مەشئىلى يەتكۈزۈلگەنلىكى جايدا خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. ‹‹ئولىمپىكقا كۆڭۈل بۆلۈش ، ئولىمپىكنى قوللاش، ئولىمپىكقا بەخت تىلەش›› ئاپتونوم ررايونىمىزدىكى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل ئارزۇ– ئىستىكىگە ئايلاندى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق بېيجىڭ 2008– يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قۇت مەشئىلىنى ئاقسۇ ۋىلايىتىگە يەتكۈزۈشنى جۇڭگۇ ئاشلىق گوروھى كوكاكولا ئىچىملىكى شىنجاڭ چەكلىك شېركىتى بىلەن كوكاكولا شېركىتى ئورتاق قوللىغان بولۇپ، ئولىمپىك قۇت مەشئىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 17 شەھەردە كۆرگەزمە قىلىنىدىكەن، قۇت مەشئىلى يەتكۈزۈلىدىغان جايلاردىكى خەلق ئاممىسى ئولىمپىك مەشئىلىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدىكەن.
|