|

ئولىمپىك مەشئىلى جىڭگاڭشەندە
بېيجىڭ ئولىمپىك مۇقەددەس مەشئىلى 14 – ماي رۇيجىندىكى يەتكۈزۈش سەپىرىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ ، جياڭشى ئۆلكىىسىدىكى ئىككىنچى بېكەت جىڭگاڭشەنگە يېتىپ كەلدى .
2008 – يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى جىڭگاڭشەندىكى يەتكۈزۈش پائالىيىتى بۈگۈن (15 – ماي) ئەتىگەن سائەت 8 دە باشلىنىدى . بۇ بېكەتتىكى كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزۈش ئومۇمىي مۇساپىسى تەخمىنەن15 كىلومېتىر بولۇپ ، 208 نەپەر مەشئەل يەتكۈزگۈچى مەشئەل يەتكۈزۈشكە قاتنىشىدۇ .

مەشئەل يەتكۈزۈش پائالىيىتى باشلىنىشتىن بۇرۇن مەيداندىكىلەر بىر مىنۇت سۈكۈتتە تۇرۇپ ، ئاپەتتە قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى
|