باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
29–نۆۋەتلىك بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە تۈرلىرى
2008- 05- 14 18:19 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     *ۋاسكېتبول        

      ۋاسكېتبول ئامېرىكىدا بارلىققا كەلگەن. 1936 – يىلى 11 – نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە تۈرى قىلىنغان. بۇ مۇسابىقە ئەر – ئاياللار بويىچە تۈرگە بۆلۈنگەن.

     *پۇتبول

      پۇتبول ‹‹تەنتەربىيە تۈرلىرىنىڭ تاجىسى›› دەپ قارىلىدۇ. ئەنگىلىيە كامبىرج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى پۇتبولنىڭ ياراتقۇچىلىرى. خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئو ت م نىڭ پۇتبول مۇسابىقە تۈرىگە ئىشتىن سىرتقى تەنھەرىكەتچىلەرنى قاتنىشىشقا رۇخسەت قىلغاچقا، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە ئوخشاش يۇقىرى سەۋىيىلىك مۇسابىقە بولمايدۇ. پۇتبول مۇسابىقىسى ئەر – ئايال بويىچە ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

     *گىمناستىكا

    ھازىرقى زامان گىمناستىكىسى 18 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ياۋروپادا پەيدا بولغان ۋە گۈللەنگەن، گىمناستىكا ئىلگىرى تەنتەربىيىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىسىم ئىدى. 1896 – يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە تۈرى قىلىنغان.

   ئەرلەرنىڭ: كوللىكتپ مۇسابىقىسى، يەككىلەرنىڭ ئومۇمىي ماھارەت مۇسابىقىسى، ئەركىن گىمناستىكا، ياغاچ ئات، ئاسما ھالقا، ياغاچ ئاتتىن سەكرەش، قوش تورنىك، يالاڭ تورنىك، يەككىلەرنىڭ پۇرژىنىلىق كارىۋاتتىن سەكرەش مۇسابىقىسى.

   ئاياللارنىڭ: كوللىكتىپ مۇسابىقىسى، يەككىلەرنىڭ ئومۇمىي ماھارەت مۇسابىقىسى، ياغاچ ئاتتىن سەكرەش، ئېگىز – پەس تورنىك، تەڭپۇڭ لىم، ئەركىن گىمناستىكا، بەدىئىي گىمناستىكا، يەككىلەرنىڭ ئومۇمىي ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسى، كوللىكتىپ ئومۇمىي ماھارەت كۆرسىتىش، يەككىلەرنىڭ پۇرژىنىلىق كارىۋاتتىن سەكرەش مۇسابىقىسى تۈرلىرى بار.

     *چوماق توپ  (ئەگرى تاياق توپ)

   ھازىرقى زامان چوماق توپى 19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ئەنگىلىيىدە بارلىققا كەلگەن. 1908 – يىلى تۆتىنچى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە تۈرى قىلىنغان.

    ئەر – ئايال بويىچە ئىككى تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

     *قول توپى

   قول توپى ياۋروپادا بارلىققا كەلگەن. ئەر – ئاياللارنىڭ ئىككى تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

   *ئېغرلىق كۆتۈرۈش (شتانكا)

   ھازىرقى زامان ئېغىرلىق كۆتۈرۈش تەنھەرىكىتى 18 – ئەسىردە ياۋروپادا پەيدا بولغان ۋە گۈللەنگەن.

   ئەرلەرنىڭ: 56 كېلوگرام، 62 كېلوگرام، 69 كېلوگرام، 77 كېلوگرام، 85 كېلوگرام، 94 كېلوگرام، 105 كېلوگرام، 105 كېلوگرامدىن يۇقىرىلار.

    ئاياللارنىڭ: 48 كېلوگرام، 53 كېلوگرام، 58 كېلوگرام، 63 كېلوگرام، 69 كېلوگرام، 75 كېلوگرام، 75 كېلوگرامدىن يۇقىرىلارتۈرلىرى بار.

     *جودۇ (ياپونچە چېلىشىشى)

     جودۇ ياپونىيىدە بارلىققا كەلگەن. ئەر – ئاياللارنڭ جودۇ ھەرىكىتى ئايرىم – ئايرىم ھالدا 1964 – يىلى 18 – نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدا ۋە 1992 – يىلى 25 – نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدا مۇسابىقە تۈرى قىلىنغان.

      ئەرلەرنىڭ: 60 كېلوگرامدىن تۆۋەنلەر، 60 – 66 كېلوگرامغىچە، 66 –  73 كېلوگرامغىچە بولغانلار،  73 – 81 كىلوگرامغېچە بولغانلار، 81 – 90 كېلوگرامغىچە بولغانلار، 90 – 100 كېلوگرامغىچە بولغانلار، 100 كېلوگرامدىن يۇقىرىلار.

     ئاياللارنىڭ: 48 كېلوگراملىقلار، 52 كېلوگراملىقلار، 57 كېلوگراملىقلار، 63 كېلوگراملىقلار، 70 كېلوگراملىقلار، 78 كېلوگراملىقلار، 78 كېلوگرامدىن يۇقىرىلار تۈرلىرى بار.

     *چېلىشىش

     چېلىشىشنىڭ تارىخىنى مىلادىدىن ئىلگىرىكى نەچچە مىڭ يىللاردىن سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. ياپونىيە، جۇڭگو، گرېتسىيە، مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەردىكى قەدىمكى مەدەنىي مىراسلاردا چېلىشىش توغرىلىق يازما خاتىرىلەر قالدۇرۇلغان. چېلىشىش ئەرلەر بىلەنلا چەكلىنىدۇ.

     ئەركىن چېلىشىش: 48 – 54 كېلوگرامغىچە بولغانلار، 58 كېلوگرام، 63 كېلوگرام، 69 كېلوگرام، 76 كېلوگرام، 85 كېلوگرام، 97 كېلوگرام، 97 – 130 كېلوگرامغىچە بولغانلار.

    قەدىمكىچە چېلىشىش: 48 – 54 كېلوگرامغىچە بولغانلار، 58 كېلوگرام، 63 كېلوگرام، 69 كېلوگرام، 76 كېلوگرام، 85 كېلوگرام، 97 كېلوگرام، 97 – 130 كېلوگرامغىچە بولغانلار.

     *پەي توپ

      1880– يىلى ھىندىستاننىڭ پۇنادا بارلىققا كەلگەن توپ تۈرى. توپ پەي ۋە يۇمشاق ماتېرىيالدىن ياسالغان بولۇپ، دۆلىتىمىزدىكى تەپكۈچكە ئوخشاپ قالىدۇ. كېيىن ئەنگىلىيە ۋە شىمالىي ياۋروپادىكى دۆلەتلەرگە تارقالغان. 1992 – يىلى 25 – نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن باشلاپ رەسمىي مۇسابىقە تۈرى قىلىنغان.

   ئەرلەرنىڭ: يەككە ئويناش، جۈپ ئويناش.

   ئاياللارنىڭ: يەككە ئويناش، جۈپ ئويناش تۈرلىرى بار.

     *قورغان توپ

  قورغان توپ ئاياللارنىڭ بىر تۈرىنىلا ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    *ھازىرقى زامان بەش تۈر

   ھازىرقى زامان بەش تۈرىنى ھازىرقى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاساسچىسى گۇ بەيدەن تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئومۇمىي ئىقتىدارىنى ئۆلچەش ئۈچۈن بارلىققا كەلتۈرگەن. ھاىرقى زامان بەش تۈرى چەۋەندازلىق، قىلىچۋازلىق، سۇ ئۈزۈش، قارىغا ئېتىش، دالىدا يۈگۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەر – ئاياللارغا بىردىن مېدال بېرىلىدۇ.

     *تېننىس توپ

    ئەر – ئاياللار تېننىس توپى ئايرىم – ئايرىم ھالدا 1896 – يىلىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە 1900 – يىلىدىكى ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدا رەسمىي مۇسابىقە تۈرى قىلىنغاندىن كېيىن تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قالدۇرۇلغان. 1988 – يىلى 24 – نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدا قايتىدىن ئولىمپىك چوڭ ئائىلىسىگە قايتىپ كەلگەن.

   ئەر – ئاياللارنىڭ تاق ئويناش ۋە جۈپ ئويناشتىن ئىبارەت ئىككى تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

     *قىلىچۋازلىق

    قىلىچۋازلىق قەدىمكى دۇئېل ھەرىكىتىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، شەرقىي ياۋروپادىكى دۆلەتلەرگە تارقالغان. 1896 – يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ رەسمىي مۇسابىقە تۈرى قىلىنغان. ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە كەسپىي تەنھەرىكەتچىلەرنىڭلا قاتنىشىشقا رۇخسەت قىلىنغان بىردىن بىر تۈر.

   ئەرلەرنىڭ: شەخسلەرنىڭ يەڭگىل قىلىچ، كوللىكتىپ يەڭگىل قىلىچ، شەخسلەرنىڭ ئاسما قىلىچ، كوللىكتىپ ئاسما قىلىچ، شەخسلەرنىڭ ئېغىر قىلىچ، كوللىكتىپ ئېغىر قىلىچ تۈرلىرى.

   ئاياللارنىڭ: شەخسلەرنىڭ يېنىك قىلىچ، كوللىكتىپ ئېغىر قىلىچ تۈرلىرى بار.   

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ