باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى چۈەنجۇدا يەتكۈزۈش ئاخىرلاشتى
2008- 05- 12 16:48 تەڭرىتاغ تورى

 

بېيجىڭ ئولىمپىك تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارى ليۇ باۋجيې چۈەنجۇ شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقىغا‹‹ ئولىمپىك مەشئىلى يەتكۈزۈلگەن شەھەر ››دېگەن گۇۋاھنامىنى بەردى

    جۇڭگو ئاخبارات تورى 12 – ماي تېلېگراممىسى : 2008 – يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ ئىككىنچى بېكىتى—چۈەنجۇدىكى يەتكۈزۈش پائالىيىتى بۈگۈن (12 – ماي) چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8 دىن25 مىنۇت ئۆتكەندە باشلاندى .

چۈەنجۇ شەھىرىدە بايراملىق قىزغىن كەيپىياتقا چۆمدى

     چۈەنجۇ شەھىرى فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ ، فۇجيەن ئۆلكىسىدىكى ئۈچ چوڭ مەركىزىي شەھىرىنىڭ بىرى . چۈەنجۇ شەھىرى گوۋۇيۈەن تۇنجى تۈركۈمدە ئېلان قىلغان 24 تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرىنىڭ بىرى ، قەدىمكى ‹‹دېڭىز يىپەك يولى›› نىڭ باشلىنىش نۇقتىسى شۇنداقلا مىللەتلەر ئەل ئىچى مەدەنىيىتىنى قوغداش قۇرۇلۇشىدىكى ئۇنىۋېرسال سىناق شەھىرى بولۇپ ، ‹‹دۇنيا دىن مۇزېيى›› دېگەن شەرەپلىك نامى بار.

چۈەنجۇدىكى تۇنجى مەشئەل يەتكۈزگۈچى مەشئەل يەتكۈزۈش پائالىيىتىدە

     چۈەنجۇدىكى مەشئەل يەتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 20.35 كىلومېتىر بولۇپ ، 108 نەپەر مەشئىل يەتكۈزگۈچى مەشئەل يەتكۈزۈش پائالىيىتىگە قاتناشقان . بۇ بېكەتتىكى مەشئەل يەتكۈزۈش پائالىيىتى بۈگۈن(12 – ماي) چۈش سائەت 11 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە غەلبىلىك ئاخىرلاشقان .

     ‹‹ئىناقلىق ›› مەشئىلى چۈەنجۇ بېكىتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ، چۈشتىن كېيىن داۋاملىق شيامېن بېكىتىدە يەتكۈزۈلىدۇ . بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى شيامېندا يەتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 17.4 كىلومېتىر بولۇپ ، 100 نەپەر مەشئەل يەتكۈزگۈچى مەشئەل يەتكۈزۈشكە قاتنىشىدۇ .

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ