باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
دۆلەتلىك تىياتىرخانىسىنىڭ ئولىمپىك ئويۇن قويۇش پەسلى يېقىندا باشلاندى
2008- 05- 12 12:23 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

      يېقىندا، دۆلەتلىك تىياتىرخانىسىنىڭ ئولىمپىك ئويۇن قويۇش پەسلى رەسمىي باشلاندى. بۇ ئويۇن قويۇش پائالىيىتى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئالدى- كەينىدە بولىدۇ يەنى جەمئى 160 كۈن داۋاملىشىدۇ. بۇ پائالىيەتتە يەر شارى دائىرىسىدىن تاللاپ چىقىلغان 153 تىياتىر، 314 مەيدان ئويۇن جۇڭگو دۆلەتلىك تىياتىرخانىسىدا ئوينىلىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە: بۇ جەرياندا 480 مىڭ تاماشىبىن كۈتىۋېلىنىدىكەن. بۇ ئويۇن قويۇش پائالىيىتىنىڭ كۆلىمى چوڭ بولۇپ، دۇنيانىڭ ئەڭ يۇقىرى سەنئەت سەۋىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىكەن. روسىيە، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، ئىتالىيە، گىرىتسىيە، دانىيە، شىۋىتسىيە، تۈركىيە، سلوۋىنىيە قاتارلىق 10 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن سەنئەتكارلار جۇڭگو سەنئەتكارلىرى بىلەن بىرلىكتە، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۈچۈن تەنتەنە قىلىشىدۇ. بۇ پائالىيەتتە، جۇڭگولۇق تاماشىبىنلارغا تونۇشلۇق بولغان ‹‹كېپىنەك خانىم›› ناملىق ئوپېرا، ‹‹ ئاققۇ كۆلى››، ‹‹ ئۇيقۇچان ساھىبجامال›› قاتارلىق ئۇسسۇللۇق تىياتىرلار، ‹‹ۋېنىتسىيىلىك سودىگەر›› قاتارلىق تىياتىرلار ئوينالغاندىن باشقا يەنە، جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىلغان نومۇرلىرىدىن ‹‹ ئاق يىلان ھەققىدە رىۋايەت ›› ۋە جۇڭگونىڭ ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلىرىدىكى 37 سىمفونىيە ئوركېستىرىدىن تەشكىللەنگەن زور ھەجىمدىكى ‹‹ جۇڭگو سىمفونىيىسى باھارى›› ناملىق سىمفونىيىلەر ئورۇندىلىدۇ.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ