|

بېيجىڭ ئولىمپىك تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن ئىجرائىيە رەئىسى لى بىڭخۇا ئوت تۇتاشتۇرۇش چىرىقىنى كۆتۈرۈپ ئايروپىلاندىن چۈشمەكتە
شىنخۇا تورى خۇجىمىن 28 – ئاپرېل تېلېگراممىسى : 2008 – يىللىق بېيجىڭ ئو ت م نىڭ مۇقەددەس ئوتىنى ئېلىپ ماڭغان ‹‹ئولىمپىك مۇقەددەس ئوتى›› مەخسۇس ئايروپىلانى پيوڭياڭدىكى يەتكۈزۈش سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، شۇ جاي ۋاقتى 28 – ئاپرېل سائەت 23 دىن 05 مىنۇت (بېيجىڭ ۋاقتى بۈگۈن سائەت 0 دىن 05 مىنۇت ) ئۆتكەندە ۋېيتنامدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر خۇجىمىنغا يېتىپ كەلدى .
خۇجىمىن شەھىرى ئولىمپىك مەشئىلىنى دۇنيا بويىچە يەتكۈزۈش سەپىرىدىكى 19 – بېكەت بولۇپ ، بۇ ‹‹ تىنىچلىق ، دوستلۇق ۋە ئۈمىد››گە سىموۋو قىلىنغان ئولىمپىك مۇقەددەس ئوتىنىڭ تۇنجى قېتىم ۋېيتنامغا يېتىپ كېلىشى ھېسابلىنىدۇ .

جۇڭگونىڭ ۋېيتنامدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىدىكى خادىملار ۋە جۇڭگو تەرەپ كارخانا ۋەكىللىرى ئايرودرومغا چىقىپ ئولىمپىك مەشئىلىنى كۈتۈۋالدى
ئولىمپىك مۇقەددەس ئوتىنىڭ خۇجىمىن شەھىرىدىكى يەتكۈزۈش پائالىيىتى بۈگۈن (29 – ئاپرېل) چۈشتىن كېيىن باشلىنىدۇ . مەشئەل يەتكۈزۈش پائالىيىتى شەھەر مەركىزىدىكى چوڭ تىياتىرخانا ئالدىدا باشلىنىپ ، 7 – ھەربىي رايون تەنتەربىيە سارىيىدا ئاخىرلىشىدۇ . ئومۇمىي لىنىيە تەخمىنەن 10 كىلومېتىر بولۇپ ، 80 نەپەر مەشئەل يەتكۈزگۈچى يەتكۈزۈش پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ .
|