باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
28–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى
2008- 04- 23 15:45 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

    28–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 2004– يىل 8– ئاينىڭ 13– كۈنىدىن 29– كۈنىگىچە گرېتسىيىنىڭ پايتەختى ئافىنادا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، گرېتسىيە قەدىمكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە تۇنجى نۆۋەتلىك ھازىرقى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يۇرتى ئىدى. 

     ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنىڭ بۆشۈكى، 1896– يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك ھازىرقى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن جايى گرېتسىيىنىڭ ئافىنا شەھىرى ئىلگىرى 1996– يىللىق ۋە 2000– يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىپ، غەلبە قازىنالمىغانىدى. 2004– يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، ئافىنا شەھىرى 3– قېتىم ئىلتىماس سۇندى.

     ئولىمپىك تەنھەرىكىتى قىزغىنلىقىنىڭ كۈنسېرى يۇقۇرى كۆتۈرۈلۈشى، شۇنداقلا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىقتىسادى پايدا كەلتۈرۈشى قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن، تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشكە قىزىقىشقا باشلىدى. جەمئىي 10 شەھەر بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلدى، ئافىنادىن باشقا، ئارگېنتىنانىڭ پايتەختى بويىنوس ئايرىس، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش پايتەختى كىپدون، ئىتالىيىنىڭ پايتەختى رىم ۋە شۋېتسىيىنىڭ پايتەختى ستوكھولىم قاتارلىق 5 شەھەر ئاخىرى تاللاش باسقۇچىغا كىردى. 1997– يىل 9– ئاينىڭ 5– كۈنى، شۋېتسارىيىنىڭ لائۇسان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ 106– قېتىملىق ئومومى يىغىنىدا بېلەت تاشلاش ئارقىلىق، ئافىنا بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشكە تاللاندى. ھازىرقى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلىنىپ 108 يىلدىن كېيىن، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاخىرى يەنە ئۆز يۇرتى بولغان گرېتسىيىگە قايتىپ كەلدى.

     خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا ئەزا 201  دۆلەتتىن 11 مىڭ 99 تەنھەرىكەتچى بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ 28 چوڭ تۈر، 37 تارماق تۈر بويىچە 301 كىچىك تۈردە مۇسابىقىگە قاتناشتى. بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىسىگە جەمئىي 21 مىڭ 500 ئاخبارات موخبىرى قاتناشتى، 160 مىڭ پىدائىي مۇلازىم تەكلىپ قىلىندى. مۇسابىقە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئافىنا ئولىمپىك تەشكىلى كومكىتېتى يەنە 45 مىڭ بىخەتەرلىك خىزمەتچىسىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، بىخەتەرلىكنى قوغدىدى.

     بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقسى مەشئىلىنى يەتكۈزۈشتە كۆپ تۈردە يېڭىلىق يارىتىلدى. ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۆز يۇرتىدا قايتا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، مۇسابىقە تەشكىلى كومىتېتى مەشئەل يەتكۈزۈش لېنىيىسىنى تەپسىلى لايىھەلىدى. بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەشئىلى پۈتۈن دۇنيادىكى 5 قىتئەگە يەتكۈزۈلدى، شۇنداقلا ئافرىقا ۋە جەنۇبى ئامېرىكىغا تۇنجى قېتىم يەتكۈزۈلۈپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى پۇقرالار بۇ كاتتا پائالىيەتكە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىدى. مەشئەل يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزى شەھىرى بولغان بېريوسىل، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ باش شىتابى جايلاشقان لائۇسان شەھىرى ھەمدە كېيىنكى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزىدىغان شەھەر بېيجىڭلارغا يەتكۈزۈلدى. مەشئەل يەتكۈزۈشكە 78 كۈن كەتكەن بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى مەشئەل يەتكۈزۈش مۇساپىسى 78 مىڭ كىلومېتىر بولدى.

     بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە داڭلىق سۇ ئۈزۈش ماھىرى فېرپۇس جەمئىي 8 مىدالغا ، جۈملىدىن 6 ئالتۇن مىدالغا ئېرىشىپ، بىر تۈردە رېكورت يارىتىدۇ. فان موسېرمۇ كەسپىي ھاياتىدا 4 ئالتۇن مىدال ۋە 6 تۈر بويىچە مىدال ئالغان تۇنجى ئايال ۋېلسىپىت چاپتۇرۇش ماھىرى بولۇپ قالىدۇ. چاپما قولۋاق ماھىرى فې شورىز ئۇدا 5 نۆۋەت ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئاز بولغاندىمۇ 2 ئالتۇن مىدالغا ئېرىشكەن تەنھەرىكەتچى بولۇپ قالىدۇ. يېنىك ئاتلېتىكا ماھىرى كېل لويى 1 مىڭ 500 مېتىر ۋە 5 مىڭ مېتىرغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە، ئايال يېنىك ئاتلېتىكا ماھىرى خور موسېز 800 مېتىر ۋە 1 مىڭ 500 مېتىرغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە يۇقۇرى نەتىجىگە ئېرىشىدۇ.

     بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە دۆلىتىمىز 407 تەنھەرىكەتچى قاتناشتۇرغان بولۇپ، دۆلىتىمىز تەنھەرىكەتچىلىرى كالتەك توپ ۋە چەۋەندازلىقتىن باشقا قالغان 26 چوڭ تۈردىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىپ،   32 ئالتۇن مىدالغا ئېرىشىپ 2– ئورۇندا، ئومومى مىدال سانىدا 63 مىدالغا ئېرىشىشتەك ياخشى نەتىجەبىلەن 3– ئورۇندا تۇرۇپ، ئالتۇن مىدال سانى ۋە ئومومى مىدال سانى جەھەتتە دۆلىتىمىز ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقاندىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى يارىتىپ، 4 يىل بۇرۇنقى سىدنىي ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ياراتقان ئەڭ ياخشى نەتىجىسىدىنمۇ ئېشىپ چۈشتى.  

     بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلانغان كۈنىدىكى مۇسابىقىدە، دۆلىتىمىز ماھىرى دۇ لى ئاياللارنىڭ يەل مىلتىقتا 10 مېتىردىن قارىغا ئېتىش مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مىدالغا ئېرىشىدۇ. بۇ ئېلىمىز تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ 1984– يىلىدىكى لوس– ئانژېلىس ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم مۇسابىقە باشلانغاندىكى تۇنجى ئالتۇن مىدالنى قولغا كەلتۈرۈشى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. 1984– يىلىدىن باشلاپ يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ كېلىۋاتقان پىشقەدەم ماھىر ۋاڭ يىغۇ ئەرلەرنىڭ 10 مېتىرغا تاپانچىدا قارىغا ئېتىش مۇسابىقىسىدا چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرىدۇ. بۇ كۈندىكى قارىغا ئېتىش مۇسابىقىسىدە، دۆلىتىمىز ماھىرلىرى 4 تۈر بويىچە ئالتۇن مىدالنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

     سۇغا سەكرەش تۈرى دۆلىتىمىز كوماندىسىنىڭ ئالتۇن مىدال ئېلىش سانى ئەڭ كۆپ بولغان مۇسابىقە تۈرى بولۇپ، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە دۆلىتىمىز ماھىرلىرى سۇغا سەكرەش تۈرىدە 6 ئالتۇن مىدال، 2 كۈمۈش مىدال ۋە 1 مىس مىدالغا ئېرىشىدۇ.

      ئېغىرلىق كۆتۈرۈش مۇسابىقىسىمۇ دۆلىتىمىز كوماندىسىنىڭ ئالتۇن مىدال ئېلىشتىكى ھالقىلىق تۈرى بولۇپ، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە دۆلىتىمىز ماھىرلىرى ئېغىرلىق كۆتۈرۈش مۇسابىقىسىدە 5 ئالتۇن مىدال، 3 كۈمۈش مىدال بولۇپ، جەمئىي 8 مىدالغا ئېرىشىپ، ئالتۇن مىدال سانى جەھەتتە ئەڭ يېڭى نەتىجە يارىتىدۇ.

     دۆلىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئۈستۈنلۈككە ئىگە تۈرى بولغان تىكتاك توپ ۋە پەي توپ مۇسابىقىسىدە، دۆلىتىمىز تەنھەرىكەتچىلىرى گەرچە باشقىلارنىڭ كۈچلۈك رىقابىتىگە دۈچ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئۆز تالانتىنى جارى قىلدۇرۇپ، 3 ئالتۇن مىدالنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۈستۈنلۈكنى ساقلاپ قالىدۇ.

     يېنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقىسى يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى تارقىتىلىدىغان ئالتۇن مىدال سانى ئەڭ كۆپ تەنھەرىكەت تۈرى بولۇپ، دۆلىتىمىز تەنھەرىكەتچىلىرى بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقىسىدە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىدۇ. ئەرلەرنىڭ 110 مېتىرغا توساقتىن ئاتلاپ يۈگۈرۈش ماھىرى ليۇ شياڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 11 يىلدىن بۇيان ساقلىنىپ كېلىۋاتقان دۇنيا رېكورتى ۋە ئولىمپىك رېكورتىنى بۇزۇپلا قالماي، يەنە كۆپ تۈردە 1– بولىدۇ. ئۇ ئەرلەرنىڭ يېنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقىسىدە دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى ئالتۇن مىدالنى قولغا كەلتۈرۈپلا قالماي، يەنە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەرنىڭ يېنىڭ ئاتلېتىكا مۇسابىقىسىنىڭ قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈش تۈرىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن تۇنجى ئاسىيالىق بولۇپ قالىدۇ.

     ليۇ شياڭ چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش ماھىرى شىڭ خۇينا ئاياللارنىڭ 10 مىڭ مېتىرغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە، چېمپىيونلۇققا ئېرىشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن دۆلىتىمىز كوماندىسى تۇنجى قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېنىڭ ئاتلېتىكا مۇسابىقىسىدە ئىككى تۈردە ئالتۇن مىدالغا ئېرىشىدۇ.

     سۇ ئۈزۈش مۇسابىقىسىمۇ يېنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقىسىگە ئوخشاش تارقىتىلىدىغان ئالتۇن مىدال سانى كۆپ مۇسابىقە تۈرى بولۇپ، ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە بىرمۇ مىدال ئالالمىغان دۆلىتىمىز كوماندىسىدىن، لو شۆجۈەن ئاياللارنىڭ 100 مېتىرغا پاقىچىلاپ ئۈزۈش مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولىدۇ. بۇ دۆلىتىمىز كوماندىسىنىڭ 1996– يىلىدىكى ئاتلانتا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسدىن كېيىن تۇنجى قېتىم سۇ ئۈزۈش تۈرىدە ئالتۇن مىدالغا ئېرىشىشى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.

     مۇسابىقە قېيىقى، تۇلۇم قولۋاق ۋە يەلكەنلىك كېمە، يەلكەنلىك تاختا قاتارلىق مۇسابىقە تۈرلىرىمۇ مىدال سانى كۆپ بولغان مۇسابىقە تۈرى ھىساپلىنىدۇ. دۆلىتىمىز تەنھەرىكەتچىلىرى بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە بۇ 3 تۈرلۈك مۇسابىقىدىمۇ خېلى زور ئىلگىرلەشكە ئېرىشىدۇ. مېڭ گۇەنلياڭ ۋە ياڭ ۋېنجۈنلەر ھەمكارلىشىپ، تۇلۇم قولۋاق مۇسابىقىسىنىڭ قوش كىشىلىك مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مىدالغا ئېرىشىدۇ، بۇ دۆلىتىمىز تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ تۇلۇم قولۋاق مۇسابىقىسىدە تۇنجى قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە مۇكاپاتقا ئېرىشىشى بولۇپلا قالماي، يەنە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ سۇ ئۈستى مۇسابىقە تۈرىدە ئالغان تۇنجى ئالتۇن مىدالى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.

     تېننىس توپ مۇسابىقىسىدە، ئەزەلدىن خەلقئارالىق چوڭ مۇسابىقىلەردە چېمپىيون بولۇپ باقمىغان جۇڭگو كوماندىسىدىن لى تىڭ بىلەن سۈن تيەنتيەن بارلىق رەقىپلىرىنى يېڭىپ چېمپىيون بولىدۇ. بۇ دۆلىتىمىز تېننىس توپ تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم خەلقئارالىق مۇسابىقىلەردە چېمپىيون بولۇشى بولۇپلا قالماي، يەنە ئاسىيا تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تېننىس توپ مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولۇشى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.

     سۇغا سەكرەش تەنھەرىكەتچىسى گو جىڭجىڭ بىلەن تىكتاك توپ ماھىرى جاڭ يىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 2 دىن ئالتۇن مىدالغا ئېرىشىدۇ؛ سۇغا سەكرەش تەنھەرىكەتچىسى ۋۇ مېيشيا، لاۋ لىسى ۋە پەي توپ ماھىرى گاۋ فېڭ بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 1 ئالتۇن مىدال ۋە بىر كۈمۈش مىدالغا ئېرىشىدۇ؛ سۇغا سەكرەش تەنھەرىكەتچىسى تيەن لىياڭ 1 ئالتۇن مىدال ۋە بىر مىس مىدالغا ئېرىشىدۇ. بۇ 6 ماھىر دۆلىتىمىز ۋەكىلەر ئۆمىكىدىن بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئەڭ كۆپ مىدال ئالغان تەنھەرىكەتچى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.

     جۇڭگو تەيبېي ماھىرلىرىمۇ بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە تارىختىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىدۇ، تەيچۈەن گۇمپىسى مۇسابىقىسى باشلانغان تۇنجى كۈنى، چېن سىشېن ئاياللارنىڭ 49 كلوگراملىقلار دەرىجى بويىچە، جۇ مۇيەن ئەرلەرنىڭ 58 كىلوگراملىقلار دەرىجىسى بويىچە ئالتۇن مىدالغا ئېرىشىدۇ، بۇ جۇڭگو تەيبېي كوماندىسىنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە تۇنجى قېتىم ئالتۇن مىدالغا ئېرىشىشى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.

     بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدا، ئامېرىكا ۋەكىللەر كوماندىسى 35 ئالتۇن مىدال، 39 كۈمۈش مىدال ۋە 29 مىس مىدالغا ئېرىشىپ، 103 مىدال ئومومى نەتىجە بىلەن 1– ئورۇندا تۇرىدۇ. يېقىنقى بىر نەچچە نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئورنى ئۆزلۈكسىز يۇقۇرى كۆتۈرۈلۈۋاتقان جۇڭگو ۋەكىللەر كوماندىسى 32 ئالتۇن مىدال، 17 كۈمۈش مىدال ۋە 14 مىس مىدالغا ئېرىشىپ، 63 مىدال ئومومى نەتىجە بىلەن 2– ئورۇندا تۇرىدۇ. روسىيە كوماندىسى 27 ئالتۇن مىدال، 27 كۈمۈش مىدال، 32 مىس مىدالغا ئرىشىپ، 92 مىدال ئومومى نەتىجە بىلەن 3– ئورۇندا تۇرىدۇ. 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ