باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ 14 – بېكەتتىكى سەپىرى باشلاندى
2008- 04- 22 15:32 تەڭرىتاغ تورى

   

بېيجىڭ ئولىمپىك تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە مۇئاۋىن رەئىسى جياڭ شياۋيۈي ئوت تۇتاشتۇرۇش چىرىقىنى ئېلىپ مەخسۇس ئايروپىلاندىن چۈشمەكتە

        شىنخۇا تورى جاكارتا 22 – ئاپرېل تېلېگېراممىسى : شۇ يەر ۋاقتى 22 – ئاپرېل سائەت 0(بېيجىڭ ۋاقتى 22 – ئاپرېل سائەت 1) دە 2008 – يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇقەددەس ئوتىنى ئېلىپ ماڭغان ‹‹ئولىمپىك مۇقەددەس ئوتى›› مەخسۇس ئايروپىلانى كۇئالالومپۇردىكى سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ،  ھېندونېزىيىنىڭ پايتەختى جاكارتاغا يېتىپ كەلدى .

  

   جاكارتا بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى دۇنياغا يەتكۈزۈش سەپىرىدىكى 14 – بېكەت بولۇپ ، يەتكۈزۈش پائالىيىتى شۇ يەر ۋاقتى 22 – ئاپرېل چۈشتىن كېيىن سائەت 2 (بېيجىڭ ۋاقتى شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3) دە ئېلىپ بېرىلىدۇ . بۇ قېتىمقى يەتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى تەخمىنەن 7 كىلومېتىر بولۇپ ، 80 نەپەر مەشئەل يەتكۈزگۈچى يەتكۈزۈش پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ . 

     بۇ  1936 – يىلى ئولىمپىك مۇقەددەس ئوتىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتى باشلانغاندىن بۇيان ، 240 مىليون نوپۇسقا ئىگە ھېندونېزىيىدە ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى قېتىملىق ئولىمپىك مۇقەددەس ئوتىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئىكەن .

كىشلەر ئولىمپىك مۇقەددەس ئوتىنىڭ جاكارتاغا كەلگەنلىكىنى تەبرىكلىمەكتە

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ