باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ئولىمپىك مۇقەددەس ئوتى كۇئالالومپۇردا
2008- 04- 21 11:38 تەڭرىتاغ تورى

    

ئولىمپىك مۇقەددەس ئوتى كۇئالالومپۇرغا يېتىپ كەلدى

   20– ئاپرېل سەھەدە ، مالايسىيانىڭ پايتەختى كۇئالالومپۇر شەھىرىدە ئۇزۇنغا يۈگۈرۇش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپ  ، 2008 – يىللىق ئولىمپىك مۇقەددەس ئوتىنىڭ كۇئالالومپۇرغا يېتىپ كېلىشى قىزغىن تەبرىكلەندى .

     تاڭ ئەمدىلا يورۇشى بىلەن نەچچە مىڭلىغان كۇئالالومپۇر خەلقى مۇستەقىللىق مەيدانىغا كېلىپ ،‹‹2008–يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇقەددەس ئوتىنى يەتكۈزۈش خوشاللىقى›› پائالىيىتىگە قاتناشتى . ئۇلار ئۇچىسىغا ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈلۈش بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن كىيىملەرنى كىيىپ ، ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش شەكلى ئارقىلىق ، ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ كۇئالالومپۇردىكى يەتكۈزۈلۈش پائالىيىتىنى تەبرىكلىدى .

     مۇستەقىللىق مەيدانى ئولىمپك مەشئىلىنىڭ كوئالالومپۇردا يەتكۈزۈلۈشىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ ، بۇ قېتىمقى ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش پائالىيىتىنىڭمۇ باشلىنىش نۇقتىسى ئىكەن . كوئالالومپۇر خەلقى بۇ قېتىملىق پائالىيەتنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە بولغان تولۇپ تاشقان ئىشەنچىسىنى ئىپادىلەيدىكەن . 

     ئولىمپىك مۇقەددەس ئوتىنى كۇئالالومپۇردا يەتكۈزۈش پائالىيىتى بۈگۈن(21 – ئاپرېل) چۈشتىن كېيىن ، مۇستەقىللىق مەيدانىدا باشلىنىدۇ . بۇ قېتىمقى يەتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى تەخمىنەن 16 كىلومېتىر بولۇپ ،  يەتكۈزۈش پائالىيىتىگە 80 نەپەر مەشئەل يەتكۈزگۈچى قاتنىشىدۇ .

مالايسىيادىكى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ئولىمپىك مۇقەددەس ئوتىنىڭ كۇئالالومپۇرغا يېتىپ كەلگەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلىدى

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ