باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تەنھەرىكەتچىلىرىنى مۇكاپاتلاش سوممىسى بېكىتىلدى
2008- 04- 18 18:30 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     .گرېتسىيە ئولىمپىك تەنھەرىكەت كومىتېتى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مىدالغا ئېرىشكەن تەنھەرىكەتچىلەرگە 190 مىڭ ياۋرو؛ كۈمۈش مىدالغا ئېرىشكەن تەنھەرىكەتچىلەرگە 130 مىڭ ياۋرو؛ مىس مىدالغا ئېرىشكەن تەنھەرىكەتچىلەرگە 70 مىڭ ياۋرو مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن باشقا، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تەنھەرىكەتچىلەر سەپتىن چېكىنسىمۇ، خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

     .روسىيە بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، ئالتۇن مىدالغا ئېرىشكەن تەنھەرىكەتچىلەر گە50 مىڭ دوللار؛ كۈمۈش مىدالغا ئېرىشكەن تەنھەرىكەتچىلەرگە 30 مىڭ دوللار، مىس مىدالغا ئېرىشكەن تەنھەرىكەتچىلەرگە 20 مىڭ دوللار بېرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بىراق روسىيىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى ماھىرلارنىڭ ئېرىشىدىغان ھەققى ئولىمپىك كومىتېتى تارقاتقان مۇكاپاتتىن يۇقۇرى ئىكەن. بىر قىسىم شەخسى كارخانىلار، ھەر قايسى تەنھەرىكەتچىلەر فوندى جەمئيەتلىرى ھەمدە يەرلىك ھۆكۈمەتلەر مۇكاپات بەرگەندىن سىرت يەنەتەنھەرىكەتچىنى نەق پۇل ياكى ئولتۇراق ئۆي ھەم ماشىنا بىلەن مۇكاپاتلايدىكەن. ئالتۇن مىدالغا ئېرىشكەن ماھىر 500 مىڭ دوللار بىلەن مۇكاپاتلىنىدىكەن.

   .گېرمانىيىنىڭ ئافىنا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 4– ئورۇندا ئالتۇن مىدالغا ئېرىشكەن ماھىرىغا بەرگەن مۇكاپات سوممىسى بەك ئاز بولۇپ، 15 مىڭ ياۋرو ئىكەن.

     .سىنگاپورنىڭ ئېغىرلىق كۆتۈرۈش تەنھەرىكەتچىسى 1960– يىلى ئۆتكۈزۈلگەن رىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە تۇنجى قېتىم كۈمۈش مىدال ئالغان. بۇ دۆلەت بېيجڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مىدال ئېلىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن غايەت زور مۇكاپات سوممىسى تارقىتىشنى قارار قىلغان.  ئەگەر قايسى بىر تەنھەرىكەتچى ئالتۇن مىدالنى قولغا كەلتۈرەلىسە، ئۇنى 500 مىڭ ياۋرو بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ