باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ئۈستۈنلۈككە ئىگە بىر قىسىم تۈرلىرى
2008- 04- 18 18:22 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     29 – نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئويۇشتۇرغۇچى دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2008– يىلى يېنىك ئاتلىتىكا تۈرلىرىدە پۈتكۈل دۇنيانىڭ دىققەت– ئېتىبارى جۇڭگو كۇماندىسىغا مەركەزلىشىدۇ. ئۇنداق بولسا ساھىپخان مەيداندا مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان جۇڭگو يېنىك ئاتلېتىكا كۇماندىسى 2008– يىللىق ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىدە قايسى تۈرلەر بويىچە كىشىلەرنىڭ دېققەت– ئېتىبارىنى قوزغىيالايدۇ؟

     ئەرلەر يېنىك ئاتلىتىكا تۈرىدە، جۇڭگو كۇماندىسىنىڭ يورۇق نوقتىسى ئانچە كۆپ ئەمەس. 110 مىتىرغا بارىدىن ئاتلاپ يۈگۈرەش تۈرىدە ئالتۇن مىدال ئېلىش مۇمكىنچىلىكى بولغاندىن باشقا، يورغىلاپ مېڭىش ۋە مارافونچە يۈگۈرەش مۇسابىقىلىرىدە، جۇڭگو كوماندىسى ئۈچۈن مېدال ئېلىش ئىمكانىيىتى بار. بۇ يىلقى شەھەرلەر ئارا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مارافونچە يۈگۈرەش مۇسابىقىسىدە، 20 ياشلىق ئەزىمەت رېن لوڭيۈن 2 سائەت 8 مىنوت 15 سىكونتلۇق نەتىجە بىلەن جۇڭگو رىكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى. يەنە بىر تەنھەرىكەتچى  خەن گاڭ 2 سائەت 9 مىنوتتا مۇساپىنى تاماملىدى. ئاياللار كۇماندىسىنىڭ ئۇتتۇرا ۋە ئۇزۇن ئارىلىققا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئىزچىل جۇڭگو يېنىك ئاتلىتىكا كۇماندىسىنىڭ ئۈستۈنلۈككە ئىگە تۈرلىرى. نۆۋەتتە، جۇڭگودا 4  تەنھەرىكەتچى  5 مىڭ مېتىرغا يۈرگۈرەش بويىچە، 5 تەنھەرىكەتچى  10 مىڭ مېتىرغا يۈرگۈرەش بويىچە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ A ئۆلچىمىگە يەتتى. ئاياللارنىڭ مارافونچە يۈگۈرەش مۇسابىقىسىدە، جوڭگو كۇماندىسىدىن 8  تەنھەرىكەتچىنىڭ  نەتىجىسى 2 سائەت 30 مىنوت بولدى. ئاياللارنىڭ 20 كىلومېتىرغا يورغىلاپ مېڭىش مۇسابىقىسى ئەزەلدىن جۇڭگو كۇماندىسىنىڭ ئۈستۈنلۈككە ئىگە تۈرى بولۇپ، نۆۋەتتە جۇڭگو كۇماندىسىدىن نۇرغۇن تەنھەرىكەتچىنىڭ 2008– يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدا ئالتۇن مىدالىغا ئېرىشىش پۇرسىتى بار.  

     سۇغا سەكرەش— جۇڭگو، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارىخىدا ئەڭ كۆپ ئالتۇن مىدال ئالغان تۈر. ئالدىنقى 6 نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدا، جۇڭگونىڭ سۇغا سەكرەش كۇماندىسىدىكى ماھىرلار جەمئىي 20 ئالتۇن مىدالغا ئېرىشكەن. سۇغا سەكرەش كۆزنى يۇمۇپ– ئاچقۇچە ئۆز ماھارىتىنى كۆرسىتىدىغان تەنھەرىكەت تۈرى بولۇپ، تەنھەرىكەتچىلەر قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئۆز كارامىتىنى نامايەن قىلىدۇ. ‹‹قېيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولۇش ئاساسىدا، تىرىشىپ مۇقىملىقىنى ساقلاش›› جۇڭگو سۇغا سەكرەش كۇماندىسىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت پۇت تىرەپ تۇرالىشىنىڭ ئاساسى.  جۇڭگو سۇ ئۈزۈش مەركىزىدىن ئىگىلىنىشىچە،  ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا تەييارلىق كۆرۈش ئۈچۈن، جۇڭگو سۇغا سەكرەش كۇماندىسى 3 يىل ئىلگىرىلا 4 باسقۇچلۇق مەشىقنى باشلىغان. يەنى 2005– يىلى قېيىنلىق دەرىجىسىگە يۈرۈش قىلغان، 2006– يىلى سۈپەتكە ئەھمىيەت بەرگەن. 2007– يىلى تىرىشىپ مۇقىملىقنى ساقلىغان. 2008– يىلى پىششىپ يېتىلىش باسقۇچىغا يۈزلەنگەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە: جۇڭگو سۇغا سەكرەش كۇماندىسى بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدا 6دىن ئارتۇق ئالتۇن مىدالغا ئېرىشىشى مۇمكىن ئىكەن.

     جۇڭگو ۋەكىللەر كوماندىسى ئالتۇن مېدال ئالىدىغان يەنە بىر قىزىق نۇقتا— ئەر– ئاياللارنىڭ تىك– تاك توپ تۈرىدۇر. تىك– تاك توپ تۈرى 1988– يىلى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ رەسمىي مۇسابىقە تۈرى قىلىپ بېكىتىلگەندىن كېيىن، جۇڭگو كوماندىسى 5 نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە جەمئىي 16 ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. نۆۋەتتە، جۇڭگو تىك– تاك توپ كوماندىسىدىكى كۆپلىگەن ماھىرلار دۇنيا تىك– تاك توپ تۈرىنىڭ ئالدىنقى 5– لىكنى ئىگىلەپ تۇرماقتا. تىك– تاك توپ تۈرىگە ئوخشاش جۇڭگونىڭ ئېغىرلىق كۆتۈرۈش كوماندىسىمۇ ئالدىنقى بىر نەچچە نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 16 ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى. بۇنىڭ ئىچىدىكى 7 ئالتۇن مېدالنى جۇڭگو ئاياللار ئېغىرلىق كۆتۈرۈش كوماندىسى قولغا كەلتۈرگەن. ئاياللارنىڭ ئېغىرلىق كۆتۈرۈش مۇسابىقىسى 2000– يىلىغا كەلگەندە ئاندىن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ھەر بىر دۆلەتتىن ئەڭ كۆپ بولغاندا 4 تەنھەرىكەتچى 4 دەرىجە بويىچە مۇسابىقىگە قاتنىشالايدۇ. جۇڭگو  كوماندىسى ئىككى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابقىسىدە 8 دەرىجىدىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 7 ئالتۇن مېدال ۋە بىر كۈمۈش مېدالغا ئېرىشىپ، دۇنيا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش مۇسابىقىسىدىكى كۈچلۈك كوماندىغا ئايلاندى. بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە جۇڭگو ئېغىرلىق كۆتۈرۈش كوماندىسىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدە ۋەزىپىسى بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئالتۇن مېدالىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تەييارلىق كۈرۈشتىن ئىبارەت.

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ