|
مونتېرىئال كانادادىكى ئەڭ چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرى .1825– يىلىدىن 1849–يىلىغىچە كانادا ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق جاي بولغان .بۇ شەھەر كۇيبىكنىڭ جەنۇبىدىكى سائېنت لاۋرىنىس دەرياسىدىكى مونتېرىئال ئارىلىغا جايلاشقان بولۇپ، دۇنيادىكى مۇھىم پورتلارنىڭ بىرى . 21 – نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 1976 –يىل7 –ئاينىڭ 17– كۈنىدىن 8–ئاينىڭ1–كۈنىگىچە 21– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مونتېرىئالدا ئۆتكۈزۈلگەن.
مونتېرىئال ئىلگىرى– كېيىن بولۇپ بەش قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغان . 1972–يىلىدىكى ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى تالىشىشتا بىر بىلەت كەملەپ قالغانلىقتىن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشەلمىگەن. كېيىن كەسكىن رىقابەت ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ لوس–ئانژېلىس، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ موسكۋا، ئىتالىيىنىڭ فلورىنسا شەھەرلىرىنى يېڭىپ، 21–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن.
مۇسابىقىغا بايقۇت قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكتىن، بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ كۆلىمى مىيۇنخىن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن كىچىك بولغان. 1976–يىلى6–ئايدا جەنۇبىي ئافرىقا ھاكىمىيىتى يېڭى زىللاندىيە زەيتۇن توپ كوماندىسىنى مۇسابىقىلىشىشكە تەكلىپ قىلغان.شۇنىڭ بىلەن ئافرىقا تەنتەربىيە ئالىي كېڭىشى مۇبادا يېڭى زىللاندىيە تەكلىپنى قوبۇل قىلسا ،ئافرىقا يېڭى زىللاندىيىنىڭ يېقىندا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قاتنىشىشىغا قارشى تۇرىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇرغان، يېڭى زىللاندىيە بۇ ئاگاھلاندۇرۇشقا پىسەنت قىلمىغان ھەمدە تەنھەرىكەتچى ئەۋەتىپ مونتېرىئال ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قاتناشتۇرغان، بۇ ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ كۈچلۈك غەزىپىنى قوزغىغان.گابون، گامبىيە قاتارلىق دۆلەتلەر مۇسابىقىغا قاتنىشىشنى رەت قىلغان، ئالجېرىيە، گانا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى مونتېرىئالغا بارغان بولسىمۇ، مۇسابىقە باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي مۇسابىقىدىن چىكىنىپ چىققان.
بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا 88 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 6مىڭ189 تەنھەرىكەتچى قاتناشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە1مىڭ274 ئايال تەنھەرىكەتچى بار ئىدى. مۇسابىقىنى خەۋەر قىلىشقا 7مىڭ800 مۇخبىر قاتناشقان بولۇپ، تەتنھەرىكەتچىلەرنىڭ سانى مۇخبىرلاردىنمۇ ئاز بولغان. ئاندوررا، ئەنتىگۇا، كايمان تاقىم ئاراللىرى ۋە پاپۇا يېڭى گىۋىنىيىسى قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلار تۇنجى قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قاتناشقان.جۇڭگو تەيۋەن بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىغا قاتناشمىغان. مۇسابىقىدە يەنىلا 21چوڭ مۇسابىقە تۈرى تەسىس قىلىنغان. ئاياللارنىڭ ۋالىبول، قول توپ مۇسابىقىە تۈرى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىنغان. نۇرغۇن ئافرىقا دۆلەتلىرى مۇسابىقىدىن چىكىنىپ چىققان بولسىمۇ، بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى يەنىلا بىر قېتىملىق يۇقىرى سەۋىيىلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بولغان. يېنىك ئاتېلېتىكا، سۇ ئۈزۈش، شىتانكا كۆتۈرۈش، قارىغا ئېتىش، ئوقيا ئېتىش قاتارلىق مۇسابىقىلەردە جەمئىي 82كقېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى رېكورتى بۇزۇپ تاشلانغان، بۇنىڭ 34ى دۇنيا رېكورتى ئىدى. سۇ ئۈزۈشنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، 26 تۈرلۈك مۇسابىقىدە 25 تۈرلۈك ئولىمپىك رېكورتى، 21 تۈرلۈك دۇنيا رېكورتى يېڭىلانغان.
– 21نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى7–ئاينىڭ17–كۈنى باشلانغان. بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇققەدەس ئوتىنى يەتكۈزۈشتە ئالدىنقى نۆۋەتلىك بىلەن ئوخشىمىغان ئۇسۇل قوللىنىلغان. مۇقەددەس ئوت7–ئاينىڭ13–كۈنى ئولىمپىيىدە تۇتاشتۇرۇلغاندىن كېيىن ، ئافىناغا يەتكۈزۈلۈپ، ئىلگىرىكىدەك پاراخوت، ئايرۇپىلان ئارقىلىق ياكى كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزۈلمەستىن، سۈنئىي ھەمرا ئارقىلىق كانادانىڭ پايتەختى ئوتتاۋاغا يەتكۈزۈلۈپ، ئاندىن مەشئەل بىلەن كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش ئارقىلىق 7–ئاينىڭ17–كۈنى مونتېرىئالغا يەتكۈزۈلگەن.ئاخىردا مەركىزىي تەنتەربىيە مەيدانىدىكى ئولىمپىك مۇققەدەس ئوتى چوغدىنىغا بىر جۈپ قىز ئوغۇل ئوت ياققان. بۇ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارىخىدا بۇ شەرەپلىك ۋەزىپىنى ئىككى ئادەم تەڭ ئىجرا قىلغان تۇنجى ، شۇنداقلا بىردىن بىر ئىش بولۇپ قالغان.
بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 8–ئاينىڭ1–كۈنى ئاخىرلاشقان. سوۋېت ئىتتىپاقى ئومۇمىي نەتىجىدە يەنە بىر قېتىم ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتۈپ، جەمئىي 48 ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن. 1952–يىلىدىن بۇيان ئىزچىل تۈردە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بىرىنچىلىكنى تالىشىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا كوماندىسى بۇ قېتىم سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كەينىدە قىلىپ ئۈچىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان، دېموكراتىك گېرمانىيە ئىككىنچى بولغان. بۇ ئامېرىكىنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە تۇنجى قېتىم قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ساھىبخان دۆلەت بولغان كانادانىڭ نەتىجىسىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان، بۇمۇ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە كۆرۈلمىگەن ئەھۋال بولۇپ قالغان.
|