|
ياپونىيە ئاسىيادا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا ئەڭ بۇرۇن قاتناشقان دۆلەت. ياپونىيىنىڭ پايتەختى توكيۇ 1940– يىلى 12– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدىغان جاي قىلىپ تاللانغان. لېكىن ياپونىيە مىللىتارىزىمى سىرتقا تاجاۋۇزچىلىق قوزغاپ زومىگەرلىك تالاشقاچقا، بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلمىگەن. 2– دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن،ياپونىيە خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن جازالىنىپ، بىر مەزگىل ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلغان. 50– يىللاردا توكيۇ 17– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ، رىم ئالدىن تاللانغاچقا، توكيۇنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمىغان. كېيىن توكيۇ تەجرىبە– ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، قايتىدىن ئىلتىماس قىلىپ، كەسكىن رىقابەتتە بېلگىيىدىكى بىريۇسىل، ئاۋستىرىيىدىكى ۋىنا، ئامېرىكىدىكى دېترويىتلارنى يېڭىپ، 18– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشىپ، ئاسىيادىكى تۇنجى ئولىمپىك شەھىرى بولۇپ قالغان.
توكيۇ دۇنيادىكى ئاھالىسى ئەڭ كۆپ پايتەختلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ياپونىيىنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد مەدەنىيەت مەركىزى، شۇنداقلا دۇنيادىكى زامانىۋى شەھەرلەرنىڭ بىرى. 2– دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ياپونىيىنىڭ تاجاۋۇزچى ئوبرازىدىن قۇتۇلۇش، ياپونىيىنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلقئارا تەسىرىنى كېڭەيتىش ھەم ياپونىيىنىڭ ئولىمپىك چوڭ ئائىلىسىدىكى ئوبرازىنى قايتا تىكلەش ئۈچۈن، ياپونىيە ھۆكۈمىتى بىلەن تەنتەربىيە ساھەسى، توكيۇ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەن، 3 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىپ، شەھەرنى كېڭەيتكەن، قاتناش تورىنى ئۆزگەرتكەن، يېڭىدىن تەنتەربىيە مەيدان– ساراي ۋە باشقا مۇئەسسەسەلەرنى سالغان، بۇ كېيىن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەن شەھەرلەرنىڭ ھەشەمەتچىلىكنى قوغلىشىشىنىڭ پەيدا بولىشىغا تۈرتكە بولغان.
18– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 1964– يىلى 10– ئاينىڭ 10– كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دە توكيۇ دۆلەتلىك تەتنتەربىيە مەيدانىدا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى داغدۇغۇلۇق ئۆتكۈزۈلگەن. ئامېرىكا‹‹سىنكىم›› ناملىق يەر شارى ئالاقىلىشىش سۈنئىي ھەمرىيى قويۇپ بېرىپ، پۈتۈن دۇنياغا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى تارقاتقان. بۇ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارىخىدىكى تۇنجى قېتىم سۈنئىي ھەمرا ئارقىلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى تارقىتىش بولۇپ قالغان. بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا 94 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 5140 تەنھەرىكەتچى قاتناشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 683 ئايال تەنھەرىكەتچى بار ئىدى. ئالجېرىيە، كوتىدىۋا، كامېرون، چاد، كونگو، مالى، نىگىرىيە، سېنىگال، تانزانىيە، دومىنىكا، موڭغولىيە، نېپال قاتارلىق دۆلەتلەر تۇنجى قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قاتناشقان. مالايسىيە كوماندىسى مالايا، سىنگاپور، شىمالىي پولودىن تەشكىللەنگەن. جەنۇبىي ئافرىقا ئىرقىي ئايرىمىچىلىق سىياسىتىنى يولغا قويغانلىقى ئۈچۈن، مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلانغان. جۇڭگو تەيۋەن 55 تەنھەرىكەتچى ئەۋەتىپ، يېنىك ئاتېلېتىكا، ۋاسكىتبول، شىتانكا كۆتۈرۈش ، ۋېلسىپىت، قارىغا ئېتىش قاتارلىق سەككىز تۈردىكى مۇسابىقىغا قاتناشتۇرغان.
بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە سۇ ئۈزۈش، شىتانكا كۆتۈرۈش، قارىغا ئېتىش، ۋاسكىتبول، پۇتبول، چوماق توپ، گېمناستىكا، قىلىچۋازلىق، ۋېلسىپىت، چېلىشىش، چەۋەندازلىق، مۇسابىقە قېيىقى، يەلكەنلىك كىمە، تۇلۇم قولۋاق، ھازىرقى زامان بەش تۈر قاتارلىق 17 ئەنئەنىۋى مۇسابىقە تۈرلىرى تەسىس قىلىنغاندىن باشقا، يەنە ۋالىبول ۋە روداۋچە چېلىشىشتىن ئىبارەت ياپونلۇقلار ماھىر بولغان ئىككى تۈر قوشۇلغان. بۇ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە تۈرلىرى قىلىپلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن چوڭ مۇسابىقە تۈرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم 19غا يېتىشىدۇر.
بىكىلا توكيۇ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى قېتىم مارافونچە يۈگۈرۈشتە چېمپىيون بولغان. ئۇنىڭ پەيدا بولىشى، ئافرىقا ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش تەنھەرىكىتىنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى ئاچقان. ئۇ ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدا ئويلىمىغان يەردىن مارافونچە يۈگۈرۈشتە چېمپىيون بولغان ھەم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان. ئۇ پۈتۈن مۇساپىنى يالاڭئاياق يۈگۈرگەن بولغاچقا، ‹‹يالاڭئاياق ئەۋلىيا›› دەپ تەرىپلەنگەن. ئۇ توكيۇ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قاتناشقاندا 32 ياشقا كىرگەن بولۇپ، مۇسابىقىدىن ئىلگىرىلا بوغماق ئۈچەي ياللۇغى بولۇپ قىلىپ ئوپىراتسىيە قىلدۇرغان بولغاچقا، تەن سالامەتلىكىمۇ ئانچە ياخشى بولمىغان. شۇنداق بولسىمۇ، بىكىلا 2سائەت 12 مېنۇت 11 سېكۇنت 2 دەقىقە نەتىجە بىلەن يەنە بىر قېتىم ئولىمپىك رېكورتىنى ياراتقان. داسوڭ بوۋىن جاپالىق مەشق قىلدۇرغان ‹‹شەرق ئالۋاستىلىرى››دەپ نام ئالغان ياپونىيە ئايال ۋالىبول كوماندىسى چېمپىيون بولغان.
1964– يىلى 10– ئاينىڭ 24 – كۈنى 18– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئاخىرلاشقان. بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە نۇرغۇن تۈرلەرنىڭ نەتىجىسى ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قارىغاندا يۇقىرى بولغان. جەمئىي81 قېتىم ئولىمپىك رېكورتى بۇزۇپ تاشلانغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 32 قېتىم دۇنيا رېكورتى بۇزۇپ تاشلانغان. سوۋېت ئىتتىپاقى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قاتناشقاندىن بۇيان، ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى تەنھەرىكەتچىلىرى مۇسابىقىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇپ كەلگەن بولۇپ، ئالتۇن مېدال سانى جەھەتتە ئىلگىرى– كېيىنلىكنى تالاشقانىدى. 1952–يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى تەنھەرىكەتچىلىرى ئېرىشكەن ئالتۇن مېدال ئامېرىكا تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭكىدىن ئاز ئىدى، 1956– ۋە 1960– يىلىدىكى ئىككى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە سوۋېت ئىتتىپاقى تەنھەرىكەتچىلىرى ئامېرىكا تەنھەرىكەتچىلىرىدىن ئېشىپ كەتتى. بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئامېرىكا يەنە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن بولۇپ، جەمئىي 36 ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكە، سوۋېت ئىتتىپاقى 30 ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن. ساھىبخان ياپونىيە تۇنجى قېتىم ئالدىنقى ئۈچىنچىلىككە ئۆتۈپ جەمئىي 16 ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن.
بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىسىدە نۇرغۇن قىزىقارلىق ئىشلار يۈز بەرگەن .
ئامېرىكىنىڭ خادىغا تايىنىپ ئىگىزگە سەكرەش تەنھەرىكەتچىسى فرىد.خانسون مۇخبىرلار قايتا– قايتا زىيارەت قىلغاچقا، نورمال مەشقى بىلەن ئارام ئېلىشىغا تەسىر يەتكەن. ئۇ مۇخبىرلادىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن، ئولىمپىك كەنتىدىكى قونالغۇسىنىڭ ئىشىكىگە بىر پارچە قەغەز چاپلاپ قەغەزگە : ‹‹ خانسون تۆۋەندىكى سۇئاللارغا مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: كىم خادىغا تايىنىپ ئىگىزگە سەكرەش چېمپىيونى بولىدۇ؟– خانسون. سىزنىڭچە قانچىلىك ئىگىزگە سەكرىسىڭىز چىمپىيون بولالايسىز؟–5 مېتىر 25 سانتىمېتىرغا. خادا بىلەن ئەڭ ئىگىز بولغاندا قانچە مېتىرغا سەكرىيەلەيسىز؟– 5 مېتىر 60 سانتېمىترغا. ئەمدى مېنى ئارامىمغا قويۇڭ!›› دەپ يېزىپ قويغان. خادىغا تايىنىپ ئىگىزگە سەكرىگەن ۋاقىتتا، خانسون 5 مېتىر 10سانتىمىتېر نەتىجە بىلەن چېمپىيون بولغان. ئىشتىن كېيىن نامەلۇم بىر مۇخبىر خانسوننىڭ قونالغۇسىنىڭ ئىشىكىگە بىر پارچە قەغەز چاپلاپ قەغەزگە: ‹‹ كىشىلەردە ئۇقۇشماسلىق پەيدا قىلىپ قويماسلىق ئۈچۈن، نېمىشقا نەتىجىڭىزنى تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ يېزىپ قويمىدىڭىز؟›› دەپ يېزىپ قويغان.
|