|
14– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 1948– يىل 7– ئاينىڭ28– كۈنىدىن 8– ئاينىڭ 14– كۈنىگىچە ئەنگىلىيىنىڭ پايتەختى لوندوندا ئۆتكۈزۈلدى، شۇنىڭ بىلەن لوندون پارىژدىن كېيىن ئىككى نۆۋەت ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزگەن شەھەر بولۇپ قالدى .
بېرلىن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەندە دۇنيا ۋەزىيىتى داۋالغۇپ، ئۇرۇش پارتلاش ئالدىدا تۇراتتى. شۇنداق بولسىمۇ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى كېلەر نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلدى. مۇسابىقە مەزگىلىدە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ياپونىيىنىڭ پايتەختى توكيۇنى 12– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدىغان جاي قىلىپ تاللىغان ھەمدە مۇسابىقىنى 1940– يىل 9– ئاينىڭ 21– كۈنىدىن 10–ئاينىڭ 6– كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈشنى بېكىتكەن.
1937– يىلى ياپونىيە جۇڭگوغا تاجاۋۇچىلىق ئۇرۇشىنى قوزغىدى، ياپونىيە ئولىمپىك كومىتېتى ھەربىي تەرەپنىڭ بىسىمى بىلەن، 1940– يىلى ياپونىيىنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى جاكارلاشقا مەجبۇر بولدى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى فىنلاندىيىنىڭ پايتەختى خېلىسىنكىنى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈدىغان جاي قىلىپ تاللىدى ھەمدە مۇسابىقىنى 1940– يىل7– ئاينىڭ 20– كۈنىدىن 8– ئاينىڭ 4–كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈشنى بېكىتتى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاچقا، 1940– يىل1– ئاينىڭ 1– كۈنى فىنلاندىيە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. كېيىن ئۇرۇش ئوتى ياۋروپا بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى قاپلاپ، 12– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزگىلى بولمىدى.
2–دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ھارپىسىدا ،خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى يەنە 13– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدىغان جاينى بېكىتتى. 1939– يىل 7–ئاينىڭ 6– كۈنىدىن 9– كۈنىگىچە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا 13– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى لوندوندا ئۆتكۈزۈشنى بېكىتكەن بولسىمۇ، بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىمۇ ئۇرۇش سەۋەبىدىن ئۆتكۈزۈلمىدى.
20– ئەسىردىكى ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن 1916– يىلى،1940– يىلى ۋە 1944– يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلمىدى، كىشىلەر بۇ يىللارنى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارىخىدىكى ئەڭ زۇلمەتلىك يىل دەپ ئاتاشتى. ئۇرۇش ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ۋەيران قىلدى، دۇنيا تەنھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولدى.
1945– يىلى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرىلىشىپ شۇ يىلى 10– ئايدا ئەنگىلىيە ئولىمپىك كومىتېتى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا لوندوندا 14– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلدى. بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى لوندونلا ئىلتىماس قىلغاچقا، ئەنگىلىيە مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئوڭايلا ئېرىشتى. ئەنگىلىيە ئولىمپىك كومىتېتى ئۇرۇشتىن كېيىن مەبلەغ ئېغىر دەرىجىدە يېتىشمەيۋاتقان ئەھۋالدىمۇ ئولىمپىك كەنتى سالدى، بىر قىسىم تەنتەربىيە مەيدان–سارايلىرىنى رېمونت قىلىپ، مۇسابىقىنىڭ تەييارلىقىنى ئۆز قەرەلىدە پۈتتۈردى. بۇ 2– دۇنيا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن توختاپ قالغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلىشى بولۇپ، ئولىمپىك مۇسابىقىسى تارىخىدا يېڭى سەھىپە ئاچتى. بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىغا 59 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 4مىڭ99 تەنھەرىكەتچى قاتناشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 385 ئايال تەنھەرىكەتچى بار ئىدى. گېرمانىيە بىلەن ياپونىيە 2– دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغىغۇچى دۆلەت بولغانلىقتىن، مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلاندى. جۇڭگو 33 ئەر تەنھەرىكەتچى ئەۋەتىپ، ۋاسكىتبول، پۇتبول، يېنىك ئاتېلېتىكا، سۇ ئۈزۈش، ۋېلىسىپىت قاتارلىق بەش تۈردىكى مۇسابىقىغا قاتناشتۇرغان بولسىمۇ، دەرىجىگە ئېرىشەلمىدى.
بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدا تەسىس قىلىنغان مۇسابىقە تۈرلىرى ئالدىنقى نۆۋەتلىك بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، قول توپ بىلەن پەقەت بىر قېتىملا مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن ئاياللارنىڭ تۇلۇم قولۋاق تۈرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. مۇسابىقىدە تۆت تۈرلۈك دۇنيا رېكورتى بۇزۇپ تاشلانغان.
بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە تەنھەرىكەتچىلەر كۆپ قاتناشقان، مۇسابىقە تۈرلىرى تولۇق بولغان ھەمدە ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشكەن مۇسابىقە بولسىمۇ، يارىتىلغان نەتىجىلەر ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن تۆۋەن بولغان. نەتىجىنىڭ تۆۋەن بولىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، بىرىنچىدىن، بەزى مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ يېشى چوڭىيىپ قالغان، بەزىلىرى ئۇرۇشتا قازا قىلغان، ياش تەنھەرىكەتچىلەر بولسا تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن؛ ئىككىنچىدىن، ئۇرۇش پۈتۈن دۇنيا ئىقتىسادىنى ئېغىر دەرىجىدە ھالسىرىتىپ قويغان. ئۇرۇشتىن كېيىن ھەرقايسى دۆلەتلەر قايتا قۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەچكە، تەنتەربىيە ئىشلىرىغا ئاجراتقۇدەك پۇل بولمىغان. ئەنگىلىيە ھازىرقى زامان تەنھەرىكىتى بىر قەدەر بۇرۇن قانات يايغان دۆلەت شۇنداقلا ساھىبخان بولۇشتەك پايدىلىق پۇرسەتكە ئىگە بولسىمۇ، بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدا ئاران 3 ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن،بۇنىڭدىن ئۇرۇشنىڭ ئەنگىلىيىنىڭ تەنھەرىكەت ئىشلىرىغا زور تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
|