باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
17– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى
2008- 04- 18 17:36 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     رىم 1908– يىلى 4– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ۋېزۇۋېي يانار تېغى پارتلاش ۋە ئىقتىسادىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىتالىيە بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈشتىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولغان. يېرىم ئەسىرگە يېقىن سۈكۈت قىلغاندىن كېيىن، رىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى قايتا ئىلتىماس قىلغان. مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغان 13 شەھەر بىلەن بولغان رىقابەتتە رىم يېڭىپ چىقىپ، مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن.

     رىم ئىتالىيىنىڭ پايتەختى ھەم ئەڭ چوڭ شەھىرى،2 مىڭ700 يىللىق تارىخقا ئىگە دۇنياغا داڭلىق شەھەر. رىم يەنە كاتولىك دىنىنىڭ مەركىزى بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنى دۇنيادىكى 700 مىليون كاتولىك دىنى مۇرىتىنىڭ مەنىۋى پايتەختى دەپ قارىغان. رىمنىڭ شەھەر گېربى  غەلىتە بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىككى بوۋاقنى ئېمىتىۋاتقان بىر چىشى بۆرىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن،‹‹رىم ئەپسانىلىرى›› دا خاتىرىلىنىشىچە،رىملىقلارنىڭ قەدىمكى بوۋىسى بولغان ئېنىدنىڭ ئەجدادى، رىۋايەتلەردىكى رىم شەھىرىنىڭ تۇنجى پادىشاھى رومىئو چىشى بۆرە ئىمىتكەن ئىككى بوۋاقنىڭ بىرى ئىكەن. رىمنىڭ شەھەر گېربى 17– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بەلگىسى قىلىنغان.

     رىم يەنە قەدىمىي تەنتەربىيدە داڭلىق شەھەر، دۇنيادىكى سەككىز چوڭ مۆجىزىنىڭ بىرى بولغان قەدىمكى رىم ماھارەت مەيدانى رىمدا. ئىككى مىڭ يىل ئىلگىرى قەدىمكى رىم قەدىمكى 175– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مەجبۇرىي ھالدا ئولىمپىيىدىن رىمغا يۆتكەپ كەلگەن، ئىككى مىڭ يىلدىن كېيىنكى مىلادى 1960– يىلى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇقەددەس ئوتى قەدىمىي بۇ شەھەردە يەنە بىر قېتىم قايتىدىن يانغان.

    17– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 1960– يىلى 8– ئاينىڭ 25– كۈنى رىمدىكى ئولىمپىك مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن. ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەزالىرىنىڭ سانى كۆپ بولغاچقا، بەلگىلەنگەن مۇددەتتە مەيدانغا كىرىشكە ئامالسىز قالغان، شۇڭا، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى تاماشىبىنلار ئورنىدا ئولتۇرۇپ، مەيدانغا كىرىش مۇراسىمىغا قاتنىشالمىغان. بۇ تۇنجى قېتىم  ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەزالىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشالماسلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىغا 84 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 5مىڭ348 تەنھەرىكەتچى قاتناشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 610 ئايال تەنھەرىكەتچى بار ئىدى. ماراكەش، سۇدان، تۇنىس، سان مارىنو قاتارلىق دۆلەتلەر تۇنجى قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قاتناشقان. ترىنادا بىلەن يامايكا غەربىي ھېندىچىنى بىرلەشمە كوماندىسى نامىدا، مىسىر بىلەن سۈرىيە ئەرەپ بىرلەشمە كوماندىسى نامىدا، فدىراتىپ گېرمانىيە بىلەن دېموكراتىك گېرمانىيە گېرمانىيە بىرلەشمە كوماندىسى نامىدا مۇسابىقىغا قاتناشقان. جۇڭگو تەيۋەن 47 تەنھەرىكەتچى ئەۋەتىپ يېنىك ئاتېلېتىكا،پۇتبول، ۋاسكىتبول، سۇ ئۈزۈش، قارىغا ئېتىش، بوكىس مۇسابىقىسى تۈرىگە قاتناشتۇرغان.

    رىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى  بىر قېتىملىق يۇقىرى سەۋىيىلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بولۇپ ، 76 قېتىم ئولىمپىك رېكورتى بۇزۇپ تاشلانغان، 30 قېتىم دۇنيا رېكورتى يېڭىلانغان. يېنىك ئاتېلېتىكا مۇسابىقىسى ۋەزىيىتىدىمۇ زور ئۆزگىرىش بولغان. 1932– يىلىدىن بۇيان ئامېرىكا تەنھەرىكەتچىلىرى بەش نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدا 100 مېتىر،200 مېتىرغا يۈگۈرۈشتە ئۇدا چېمپېيون بولغان. بىراق، بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدا نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن. ئەرلەرنىڭ100 مېتىرغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدا گېرمانىيىنىڭ  فرانكفورتلۇق خارى ئىسىملىك بىر خىزمەتچى چېمپىيون بولغان بولۇپ، ئۇ ‹‹راكىتا شەكىللىك ›› دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل   پەللىدىن چىقىش ئۇسۇلىنى كەشپ قىلغان.

     رىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدا ئايرىم مۇسابىقە تۈرلىرىگە قارىتا دورا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان. مەسىلەن، مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىغا قاتناشقان تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ يېمەكلىكى تەكشۈرۈلگەن، بىراق ۋېلسىپىت مۇسابىقىسىدا ھادىسە يۈز بېرىپ، روھلاندۇرۇش دورىسى ئېچكەن بىر تەنھەرىكەتچى مۇسابىقە جەريانىدا ئۆلۈپ قالغان. بۇ ئىش مۇسابىقىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىدا روھلاندۇرۇش دورىسىنى تەكشۈرۈشكە ئاساس سالغان.

     1960– يىل 9– ئاينىڭ 11– كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 6 دىن 50 مېنۇت ئۆتكەندە 17– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئاخىرلاشقان. بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە سوۋېت ئىتتىپاقى تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ  ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولغان بولۇپ، جەمئىي43 ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىپ، ئامېرىكىدىن ئېشىپ كەتكەن.  

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ