باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
10– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى
2008- 04- 18 17:30 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

    لوس– ئانژېلىش 1846– يىلى ئامېرىكىغا تەۋە بولغان، ئۇ  كالىفورنىيىنىڭ جەنۇبىدىكى تېنچ ئوكيان قىرغىقىغا  جايلاشقان پورت شەھىرى بولۇپ، ‹‹پەرىشتىلەر شەھىرى›› دېگەن نامغا ئىگە. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رىمدا ئاچقان يىغىنىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، 1932– يىلى 7– ئاينىڭ 30– كۈنىدىن 8– ئاينىڭ 18– كۈنىگىچە لوس– ئانژېلىستا ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە ئىككى ھەپتىدىن كۆپرەك ۋاقىتلا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، شۇنىڭدىن باشلاپ مۇسابىقە ۋاقتى قېلىپلىشىشقا باشلىغان.

     رىم يىغىنى ئاخىرىلاشقاندىن كېيىنلا، لوس– ئانژېلىس مۇسابىقىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى باشلىۋەتكەن بولۇپ، پۈتۈن دۇنيانى ئىقتىسادىي كىرزىس قاپلىغاندىمۇ مۇسابىقىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى تەسىرگە ئۇچرىمىغان. تەييارلىق خىزمىتى 1930–يىلى تاماملانغان. تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى ھەمدە باشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشلارمۇ ناھايىتى ياخشى قىلىنغان بولۇپ، بۇ جەھەتتە ئىلگىرىكى ھەرقانداق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن ئۈستۈن تۇرغان. تەنتەربىيە ساراي– مەيدانلىرىنىڭ لايىھىلىنىشى ئۆزگىچە، ئەسلىھەلىرى مۇككەممەل بولۇپلا قالماي، ناھايىتى ھەيۋەتلىك  بولۇپ، 15مىڭ تاماشىبىن سېغىدىغان قىلىپ سېلىنغان. يېڭىدىن 10 مىڭ تاماشىبىن سېغىدىغان سۇ ئۈزۈش سارىيى ياسالغان بولۇپ، ساراينىڭ ئىچىگە كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيى، مونچا ۋە ئارامخانا قاتارلىقلار قۇرۇلغان. بوكىس، چېلىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىلىدىغان سارايغا 12 مىڭدىن ئارتۇق تاماشىبىن سېغىدىغان بولۇپ، بۇ يەردە يەنە ۋاسكىتبول، تېننىس توپ مۇسابىقىسىمۇ ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەر تەنھەرىكەتچىلەر ئۈچۈن چىرايلىق، ئازادە بىر ياتاق بىناسىمۇ سېلىنغان  ، بۇ بىز ھازىر دەۋاتقان ئولىمپىك كەنتى ئىدى. ئايال تەنھەرىكەتچىلەر مۇسابىقە مەيدانىغا يېقىن يەردىكى ئالىي مېھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ھەر بىر مۇسابىقە ئاخىرىلاشقان ھامانلا تەنھەرىكەتچىلەر مۇكاپاتلانغان بولۇپ، يەنە مەخسۇس مۇكاپات تارقىتىش پەشتىقى ياسالغان. تەنھەرىكەتچىلەر ئېرىشكەن نەتىجىسى بويىچە پەشتاققا چىققان، شۇنىڭ بىلەن ئىلگىركىدەك مۇكاپات تارقاتقۇچى پەشتاقتا، تەنھەرىكەتچى پەستە تۇرىدىغان ئۇسۇلغا خاتىمە بېرىلگەن.

     10– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 1932– يىلى 7– ئاينىڭ 30– كۈنى باشلانغان. مۇسابىقىگە 37 يەتتە دۆلەتتىن كەلگەن 127 ئايال تەنھەرىكەتچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1048 تەنھەرىكەتچى قاتناشقان. كولۇمبىيە بىلەن جۇڭگو تۇنجى قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قاتناشقان. جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى ھۆكۈمەت ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىمىغان ئەھۋالدىمۇ مۇسابىقىغا قاتناشقان. جۇڭگو  ۋەكىللەر ئۆمىكى ليۇچاڭچۇن، شېن سىلياڭ، سوڭ جۈنفۇ، ليۇ شۆسوڭ، شېن گوچۈەن، توپىڭ قاتارلىق ئالتە كىشىدىن تەركىپ تاپقان بولسىمۇ تەنھەرىكەتچىدىن ليۇچاڭچۇن بىر لا كىشى بار ئىدى. بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدا پۇتبول مۇسابىقىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، قارىغا ئېتىش مۇسابىقىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن، قالغان تۈرلەر ئالدىنقى نۆۋەتلىك بىلەن ئوخشاش بولغان .
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ