|

بېيجىڭ ئولىمپىك تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى جياڭ شياۋيۈي ھىندىستان ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى كارماند بىلەن بىرلىكتە ئوت تۇتاشۇتۇرش چىرىقىنى كۆتۈرمەكتە
شىنخۇا تورى يېڭى دېھلى 17 – ئاپرېل تېلېگراممىسى : 2008 – يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇقەددەس ئوتىنى ئېلىپ ماڭغان ‹‹ئولىمپىك مۇقەددەس ئوتى›› ناملىق مەخسۇس ئايروپىلان 10 – بېكەت پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلامئابادتىكى سەپىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ ، شۇ يەر ۋاقتى 17 – ئاپرېل سەھەر سائەت 1 (بېيجىڭ ۋاقتى بۈگۈن سائەت 3 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەن) دە ، ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلىغا يېتىپ كەلدى .

جۇڭگونىڭ ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاڭ يەن ھىندىستان ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى كارماند بىلەن بىرلىكتە ئولىمپىك ئوت تۇتاشتۇرۇش چىرىقىنى قارشى ئېلىشقا چىققان ئاممىغا كۆرسەتتى
يېڭى دېھلى بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى دۇنيا بويىچە يەتكۈزۈش سەپىرىدىكى 11 – بېكەت بولۇپ ، بۇ ھىندىستان تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .
ئىگىلىنىشچە ، ئولىمپىك مۇقەددەس ئوتىنى يېڭى دېھلىدا يەتكۈزۈش پائالىيىتى شۇ جاي ۋاقتى 17 – ئاپرېل سائەت 16 (بېيجىڭ ۋاقتى بۈگۈن سائەت 18 دىن 30 مىنۇت) دە ، يېڭى دېھلىدىكى ھىندىستان زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى بىلەن ھىندىستان دەرۋازىسى ئارلىقىدىكى راج كوچىسىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ . 70 نەپەر مەشئەل كۆتۈرگۈچى مەشئەل يەتكۈزۈش پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ .

قارشى ئېلىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش
|