|

ئولىمپىك مەشئىلىنى كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزۈش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش
شىنخۇا تورى مۇسكات تېلېگراممىسى : شۇ يەر ۋاقتى 14 – ئاپرېل كەچتە سائەت 20 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەن(بېيجىڭ ۋاقتى بۈگۈن سائەت 0 دىن 30 مىنۇت ) دە ، ئوماندىكى ئەڭ ئاخىرقى مەشئەل يەتكۈزگۈچى ، ئومان ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەببى مارچ ئەڭ ئاخىرقى نۇقتا ئالكارم تەبىئي ئۆسۈملۈكلەر باغچىسىدا مۇقەددەس چوغدانغا ئوت تۇتاشتۇرۇپ ، بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى دۇنيا بويىچە يەتكۈزۈش سەپىرىنىڭ مۇسكاتتىكى پائالىيىتىنى غەلبىلىك ئاياغلاشتۇردى .
مۇسكات بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى دۇنيا بويىچە يەتكۈزۈش سەپىرىنىڭ 9 – بېكىتى بولۇپ ، بۇ ئومان تارىخىدىكى تۇنجى ئولىمپىك مەشئىلىنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .
|