|
بېيجىڭ ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ جىڭمىن قارشى ئېلىشقا چىققان ئومان ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى
بېيجىڭ ئولىمپىك مۇقەددەس ئوتىنى ئېلىپ ماڭغان ‹‹ئولىمپىك مۇقەددەس ئوتى›› مەخسۇس ئايروپىلانى8 – بېكەت تانزانىيىنىڭ پايتەختى دارېسسالامدىكى سەپىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ ، بۈگۈن (14 – ئاپرېل) بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى دۇنيا بويىچە كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزۈش سەپىرىدىكى9 – بېكەت ئومان پايتەختى مۇسكاتقا يېتىپ كەلدى .

بېيجىڭ ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ جىڭمىن ئومان تەنتەربىيە ئىشلىرى ۋەزىرى ، قوشۇمچە ئومان ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى بىلەن بىرلىكتە ئوت تۇتاشتۇرۇش چىرىقىنى كۆتۈرمەكتە
بېكىتىلگەن لايىھىگە ئاساسەن ، ئولىمپىك مەشئىلىنى مۇسكاتتا يەتكۈزۈش پائالىيىتى بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 5 (بېيجىڭ ۋاقتى كەچ سائەت 9) دە باشلىنىدۇ . بۇ قېتىمقى مەشئەل يەتكۈزۈش پائالىيىتىگە 80 نەپەر مەشئەل يەتكۈزگۈچى قاتنىشىدۇ ، مەشئەل يەتكۈزۈش ۋاقتى تەخمىنەن 13 سائەت داۋاملىشىدۇ .
ئىگىلىنىشچە ، مۇسكاتتىكى مەشئەل يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، ‹‹ئولىمپىك مۇقەددەس ئوتى›› مەخسۇس ئايروپىلانى 15 – ئاپرېل كەچتە مۇسكاتتىن ئايرىلىپ ، بېېجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى دۇنيا بويىچە كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزۈش سەپىرىدىكى 10 – بېكەت پاكىستاننىڭ ئىسلامئاباد شەھىرىگە يېتىپ بارىدۇ .

ئوماندا خىزمەت قىلىدىغان جۇڭگولۇقلار مۇسكات خەلقئارا ئايرودرومىدا ئولىمپىك مەشئىلىنى قارشى ئالماقتا
|