باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
20– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى
2008- 04- 10 12:28 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستاسىسى

       20– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى كانادانىڭ مونتېرىئال، سابىق فدىراتىپ گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن، ئىسپانىيىنىڭ مادرېد، ئامېرىكىنىڭ دېترويت قاتارلىق تۆت شەھىرى ئىلتىماس قىلغان. بۇ تۆت شەھەرنىڭ ھەممىسى دۇنياغا داڭلىق شەھەرلەر بولغاچقا رىقابەت ئىنتايىن  كەسكىن بولغان. رىمدا ئېچىلغان خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ 64– قېتىملىق يېغىنىدا كەسكىن رىقابەت ئارقىلىق ميۇنخېن بىر بىلەت ئۈستۈنلىكى بىلەن بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. مۇسابىقىنى ناتسىست فاشىستلىرى پەيدا بولغان شەھەردە ئۆتكۈزۈش، ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنىڭ خەلقئارالىقى بىلەن تېنچلىققا بولغان تەلپۈنىشىنى تولۇق نامايەن قىلىپ بەرگەن بولۇپ، بۇ خەلقئاراۋى ئەھمىيەت ئىگە بىر زور ئىش ھېسابلىنىدۇ.

     مىيۇنخېن دوناي دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىنى بولغان ئىسار دەرياسىنىڭ بويىغا جايلاشقان. بۇ شەھەر گۈزەل ھەم تېنچ بولۇپ، فدىراتىپ گېرمانىيىدىكى ئىككىنچى چوڭ شەھەر، شۇنداقلا مەدەنىيەت، سەنئەتتە داڭلىق شەھەر ئىدى. 1972– يىل 8–ئاينىڭ 26– كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 دە بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى رەسمىي باشلانغان. بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا 122 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 7 مىڭ 147 تەنھەرىكەتچى قاتناشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 1 مىڭ 70 ئايال تەنھەركەتچى بار ئىدى. ئالبانىيە، يۇقىرى ۋولتا يەنى ھازىرقى بۇركىنافاسو، گابون، لېسوتو، مالاۋى، توگو، سەئۇدى ئەربىستانى، سىۋىزلاند، سومالى، چاۋشيەن دېمۇكراتىك جۇمھۇرىيىتى تۇنجى قېتىم ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىغا قاتناشقان. جۇڭگو تەيۋەن 63 تەنھەرىكەتچى ئەۋەتىپ، يېنىك ئاتېلېتىكا، سۇ ئۈزۈش، چېلىشىش، بوكىس، شىتانكا كۆتۈرۈش، قارىغا ئېتىش، ئوقيا ئېتىش، يەلكەنلىك كېمە، ۋېلسىپىت، رۇداۋچە چېلىشىش قاتارلىق 10تۈرلۈك مۇسابىقىغا قاتناشتۇرغان بولسىمۇ، دەرىجىگە ئېرىشەلمىگەن. بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدا ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى 18چوڭ مۇسابىقە تۈرىدىن باشقا ، يەنە ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقسىدا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان رۇداۋچە چېلىشىش مۇسابىقىسى قايتىدىن مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن، ئۇزۇن يىل ئۆتكۈزۈلمىگەن قول توپ ۋە قارىغا ئېتىش مۇسابىقىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئېلېكترۇنلۇق ئۈسكۈنىلەرنىڭ رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلغان.  مەسىلەن، ئەرلەرنىڭ 400 مېتىرغا ئارىلاشما سۇ ئۈزۈش مۇسابىقىسىدە بىرىنچى بولغان شېۋىتسىيە تەنھەرىكەتچىسى لارسون، ئىككىنچى بولغان ئامېرىكا تەنھەرىكەتچىسى مىككىدىن پەقەت  2سېكۇنتلا ئالدىدا تۇرغان.

     يېنىك ئاتېلېتىكا ۋە باشقا مۇسابىقە تۈرلىرىدە ھەيران قالارلىق نەتىجە بارلىققا كەلگەنلىكتىن ئوبزورچىلار : ‹‹  بۇنىڭدىن كېيىن بىر دۆلەت بىر  مۇسابىقە تۈرىنى  مەڭگۈ مونوپول قىلىۋالىدىغان ئەھۋالغا خاتىمە بېرىلىدۇ››دېيىشكەن. ئاياللارنىڭ  1 مىڭ500 مېتىرغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى بۇ نۆۋەت تۇنجى قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش مۇسابىقە تۈرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ ، ئالدىنقى يەتتىنچىگىچە بولغان تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى نەتىجىسى مۇسابىقىدىن ئىلگىرىكى دۇنيا رېكورتىدىن ئېشىپ كەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە بۇ تۈردە چېمپىيون بولغان سوۋېت ئىتتىپاقى تەنھەرىكەتچىسى بولاكىننا تەييارلىق، قايتا ۋە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىدە دۇنيا رېكورتىنى يېڭىلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ نەتىجىسى ئايرىم–ئايرىم ھالدا 4 مېنۇت 6 سېكۇنت 5 دەقىقە، 4 مېنۇت 5 سېكۇنت 1 دەقىقەۋە 4 مېنۇت 1 سېكۇنت 4 دەقىقە بولغان. ئاياللارنىڭ 1مىڭ500 مېتىرغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئارقىلىق ئاياللارنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇنغا يۈگۈرۈشتە چەكسىز  يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىپ، ئاياللارنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش  تۈرىنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلىشىگە  ئاساس سالغان.

     مېكسىكا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىلەن كۈچلۈك سېلىشتۇرما بولغىنى شۇكى، بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ سۇ ئۈزۈش مۇسابىقىسىدە يۇقىرى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، 30 قېتىم 22  تۈرلۈك دۇنيا رېكورتى بۇزۇپ تاشلانغان. ئامېرىكا تەنھەرىكەتچىسى مارك سىپىتىزنىڭ نەتىجىسى ئەڭ گەۋدىلىك بولۇپ، ئۇ 100 ۋە 200 مېتىرغا ئەركىن ئۈزۈش،  100 ۋە 200 مېتىرغا كىپىنەكچىلەپ ئۈزۈش ھەمدە ئۈچ تۈرلۈك كۈچ ئۇلاپ سۇ ئۈزۈش مۇسابىقىسىدە دۇنيا رېكورتى يارىتىپ، جەمئىي 7 ئالتۇن مېدال ئېلىپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارىخىدا بىر نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە ئالتۇن مېدالغا  ئەڭ كۆپ ئېرىشكەن تەنھەرىكەتچى بولۇپ قالغان.  بۇنىڭغا ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدا ئېرىشكەن ئىككى ئالتۇن مېدالنى قوشقاندا، ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقى گىمناستىكا تەنھەرىكەتچىسى لادىنىنادىن، فىنلاندىيە ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش تەنھەرىكەتچىسى لۇرمىدىن قالسىلا  ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارىخىدا  9ئالتۇن مېدال ئالغان ئۈچىنچى تەنھەرىكەتچى بولۇپ قالغان.

     بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 1972– يىل 9– ئاينىڭ 11– كۈنى ئاخىرلاشقان. سوۋېت ئىتتىپاقى 50 ئالتۇن مېدال،27 كۈمۈش مېدال، 22 مىس مېدالغا، ئامېرىكا 33 ئالتۇن مېدال، 31 كۈمۈش مېدال، 30 مىس مېدالغا ئېرىشكەن. بۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم ئالتۇن مېدال سانىدا ئامېرىكىدىن  ئېشىپ كېتىشى ھېسابلىنىدۇ. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى بۇ قېتىم ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان دېموكراتىك گېرمانىيە كوماندىسى 20 ئالتۇن مېدال، 23 كۈمۈش مېدال، 23 مىس مېدالغا ئېرىشكەن. دېموكراتىك گېرمانىيە 1956– يىلىدىن مۇشۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قەدەر پەقەت بەش نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قاتناشقان بولسىمۇ ، لېكىن  زور ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەن. 60– يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا دېموكراتىك گېرمانىيىنىڭ تەنتەربىيە سەۋىيىسى ئانچە يۇقىرى ئەمەس ئىدى. 60– يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ يۈكسىلىشكە باشلىغان. بۇنداق بولىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، دېموكراتىك گېرمانىيە تەنتەربىيىگە زور مەبلەغ سالغان، ياشلار ۋە ئۆسمۈر  تەنھەرىكەتچىلەرنى تەربىيىلەشكە، يېتىشتۈرۈشكە  ئەھمىيەت بەرگەن ھەمدە تەنتەربىيە ئىلمىي تەتقىقاتىنى كۈچەيتكەن.

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ