|
چىڭداۋ خەلقئارا يەلكەنلىك كېمە مەركىزى شەندوڭ ئۆلكىسىنىڭ چىڭداۋ شەھىرىگە جايلاشقان، يەلكەنلىك كېمە مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىلىدىغان جاينىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 30 گېكتار كىلىدۇ. ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يەلكەنلىك كېمە مۇسابىقىسىنى ئۈتكۈزۈشكە زۆرۈر بولغان بارلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھەممىسى مەيدان– ساراي رايونىغا جايلاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارماق كەنتى، تەنھەرىكەتچىلەر مەركىزى، مەمۇرىي باشقۇرۇش مەركىزى، مەيدان– ساراي ئاخبارات ۋاستىلىرى مەركىزى ۋە ئارقا سەپ تەمىنات، كاپالەت مەركىزى بار بولۇپ، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى تەخمىنەن 138 مىڭ كۋادرات مېتىر كىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئۆلچەش زالى، يەلكەنلىك كېمە توختىتىش رايونى، يەر ئاستى سۇ يولى، دېڭىز دولقۇنىدىن مۇداپىئە كۆرۈش توسمىسى، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى خاتىرە تېمى قاتارلىق يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلەر بار.
چىڭداۋ شەھىرى مەملىكىتىمىزنىڭ مۇھىم ئىقتىساد مەركىزى ۋە دېڭىز بويىدىكى ئېچىۋېتىلگەن شەھىرى بولۇپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت دەرىجىلىك داڭلىق تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى ۋە ساياھەت ئارامگاھى ھېسابلىنىدۇ. چىڭداۋ شەندوڭ يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى 10 مىڭ 654 كۋادرات كىلومېتىر، ئومۇمىي نوپۇسى 6 مىليون 990 مىڭ. بۇ يەرنىڭ كىلىماتى مۆتىدىل بولۇپ، مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ پەسىللىك شامال كىلىماتىغا تەۋە، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرسى 12.2 سېلتسىيە گىرادۇس. چىڭداۋ تىلغا ئېلىنسا، كىشىلەر گۈللىنىۋاتقان زامانىۋىي شەھەر ۋە دۇنياغا داڭلىق ئارامگاھنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ. چىڭداۋ شەھىرىنىڭ 3 ئەتراپىنى دېڭىز ئوراپ تۇرىدۇ، بۇ جايدا داڭلىق بىر سۇغا چۆمۈلۈش مەيدانى بار بولۇپ، سۈيى چوڭقۇر، سۈزۈك، ساھىل قۇملىرى يۇمشاق، نۆۋەتتە ئۇ مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ دېڭىز بويى سۇغا چۈمۈلۈش مەيدانى ھېسابلىنىدۇ. چىڭداۋنىڭ دېڭىز قىرغاقلىرى ئەگرى–بۈگرى بولۇپ، كەڭ كەتكەن ساھىللىرى بار، بۇ جاينىڭ مەنزىرىسى بەك چىرايلىق بولۇپ، كىشىنى مەھلىيا قىلىدۇ.
|