|

بېيجىڭ ئولىمپىك مۇقەددەس ئوتىنى ئېلىپ ماڭغان ‹‹ئولىمپىك مۇقەددەس ئوتى ›› ناملىق مەخسۇس ئايروپىلان لوندوندىكى سەپىرىنى ئاياغلاشتۇرۇپ ، 7– ئاپرېل بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى دۇنيا بويىچە كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزۈش سەپىرىدىكى بەشىنچى بېكەت فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىگە يېتىپ كەلدى .

بېيجىڭ ئولىمپىك تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە مۇئاۋىن رەئىسى جياڭ شياۋيۈ مەشئەلنى پارىژدىكى ۋەكىلگە تاپشۇرۇپ بەرمەكتە
7 – ئاپرېل چۈشتىن كېيىن ، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلىنى كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزۈش پائالىيىتى فرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدىكى داڭلىق ئېففېل تۆمۈر مۇنارى ئالدىدا باشلاندى .

جىن جىڭ باتۇرلۇق بىلەن ئولىمپىك مەشئىلىنى قوغداپ قالدى
پارىژ— ئولىمپىك مەشئىلىنى چېگرا سىرتىدا كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزۈشتىكى بەشىنچى بېكەت بولۇپ ، بۇ بېكەتتە جۇڭگولۇق مەشئەل كۆتۈرگۈچى جىن جىڭ ئۆزىنىڭ باتۇرلىقى بىلەن مەيداندىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە جۇڭگۇلۇقلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدى . جىن جىڭ پارىژدىكى ئۈچىنچى مەشئەل كۆتۈرگۈچى بولۇپ ، ئىنتايىن ئاز ساندىكى ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى››بۆلگۈنچى كۈچلىرى مەشئەلنى كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزۈشكە بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولغاندا ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەركىتى ئارقىلىق ئولىمپىك مەشئىلىنى قوغداپ قالغان .

|