|
1988–يىلى كورېيچە جانبازلىق مۇسابىقىسى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئويۇن كۆرسىتىش تۈرى سۈپىتىدە تۇنجى قېتىم سېئول ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە پەيدا بولدى. 1994–يىلى خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابقىسى تەشكىلىي كومىتېتى ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق كورېيچە جانبازلىقنى 2000 –يىللىق سىدنېي ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈشنى تەستىقلىدى. جۇڭگو 1995– يىلى كورېيچە جانبازلىق تەنھەرىكىتىنى رەسمىي قانات يايدۇردى، كېيىن بۇ تۈردىكى تەنھەرىكەت جۇڭگودا تېز سۈرئەتتە ئومۇملاشتى. 2000 –يىلى ئۆتكۈزۈلگەن سىدنېي ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، جۇڭگونىڭ ئايال كورېيچە جانبازلىق ماھىرى، بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كەلگەن چېن جوڭ ئاياللار 67 كىلوگرامدىن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىدە قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، ۋەتەن ئۈچۈن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى كورېيچە جانبازلىق مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئالتۇن مېدالىنى قولغا كەلتۈردى. 2004–يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ئافېنا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە جۇڭگو بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كەلگەن چېن جوڭ بىلەن لو ۋېي كورېيچە جانبازلىق مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ ئىككى ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. جۇڭگو تەيبېي ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋەكىللەر ئۆمىكىمۇ كورېيچە جانبازلىق تۈرىدە ئالتۇن مېدال ئالالماسلىققا خاتىمە بېرىپ، چېن شىشىن بىلەن جۇ مۇيەن ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.
|