باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئاپتونوم رايونىمىزدىن بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قاتنىشىش شەرىپىگە ئېرىشكەن مۇھەممەت تۇرسۇن چوڭ
2008- 04- 08 17:10 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستاسىسى

مۇھەممەت تۇرسۇن چوڭ مەشىق مەيدانىدا

 مۇھەممەتتۇرسۇن چوڭ 1988– يىلى 11– ئاينىڭ 13– كۈنى قەشقەردە تۇغۇلغان بولۇپ، كىچىكىدىنلا تەنتەربىيىگە قىزىقاتتى. ئۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققان يىللىرى ‹‹بوكس پادىشاھى›› ئابدۇشۈكۈر، ئابدۇراخمانلارنىڭ شەرەپ قۇچقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى تېلېۋىزور، گېزىت قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن كۆرۈپ، ئۆزىنىڭمۇ ياراملىق بىر بوكس چولپىنى بولۇش ئىستىكى قوزغالغان. نەتىجىدە ئۇ ئۆزلىكىدىن مەشىق قىلىپ، 2002– يىلى ئاتۇشتا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق ئاپتونوم رايونلۇق بوكس مۇسابىقىسىدە 2– لىككە ئېرىشكەن. نەتىجىدە تېرىنېرلارنىڭ نەزىرىگە ئېلىنىپ، سىستېمىلىق مەشىق قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. دەسلەپتە ئۇ شىنجاڭ بوكس كوماندىسىغا رەسمىي قۇبۇل قىلىنماي، ئۆزلىكىدىن مەشىققە قاتنىشىپ كەلگەن بولسىمۇ، تۆككەن تەرى، سىڭدۈرگەن ئەجرى بىكار كەتمەي، 2006– يىلى شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ رەسمىي ئەزاسىغا ئايلانغان. شۇ يىلى يەنە جۇڭگو بوكس كوماندىسىنىڭ ئەزالىقىغىمۇ تاللانغان. بۇ جەرياندا ئۇ ئاز بولمىغان نەتىجىلەرنى ياراتقان. مەسىلەن، 2004– يىلى 10 – ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا ياش– ئۆسمۈرلەر بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە 2–؛ 12– ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك سەر خىللار بوكس مۇسابىقىسىدە 3–؛ 2005– يىلى 7– ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ياشلار بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە 2–؛ 2006– يىلى 4– ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە 5–؛ 5– ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن قازاقىستان خەلقئارا بوكس مۇسابىقىسىدە 2–؛ 7– ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك سەرخىللار بوكس مۇسابىقىسىدە چېمپىيون؛ بۇلتۇر 3– ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە چېمپىيون؛ 6– ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك سەرخىللار بوكس مۇسابىقىسىدە چېمپىيون؛ 8– ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن‹‹جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش لوڭقىسى›› جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا بوكس ئاشكارە مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان. ئۇ يەنە جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە 2006– يىلى 10– ئايدا ئەزەربەيجانغا بېرىپ 3– نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى بوكس مۇسابىقىسىگە؛ 2007– يىلى 6– ئايدا مۇڭغۇلىيىگە بېرىپ ئاسىيا بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە؛ 2007– يىلى 11– ئايدا ئامېرىكىغا بېرىپ دۇنيا بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە؛ بۇ يىل 1– ئايدا تايلاندقا بېرىپ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاسىيا رايونىدىن تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان.

     مۇھەممەت تۇرسۇن چوڭ بۇلتۇر چېكاگودا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئىككى نومۇرلا پەرق بىلەن رەقىبىگە يېڭىلىپ قېلىپ، 2008– يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويغاندىن كېيىن، بۇ يىل 1– ئاينىڭ 23– كۈنىدىن 2– ئاينىڭ 3– كۈنىگىچە تايلاندا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىكقا ئاسىيادىن تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتناشتى. بۇ مۇسابىقىدە ئالدىنقى 3 نىڭ ئىچىگە كىرگەن ماھىرلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلەيتتى. شۇڭا  مۇھەممەتتۇرسۇن چوڭغا بولغان بېسىم ناھايىتى ئېغىر ئىدى. تېرىنېرلىرىنىڭ ئەستايىدىل يېتەكلىشى ۋە ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئۇ ئاخىرى بۇ مۇسابىقىدە كۈمۈش مىدالغا ئېرىشىپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.                       

     مۇھەممەت تۇرسۇن چوڭ موخبىرىمىز ئېلشات ياقۇپنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا    مۇنداق دىدى: ترېنېرىمىز مۇسابىقە   مەشىقنىڭ داۋامى دەپ توغرا دەپتىكەن، ھازىر سىستېمىلىق مەشىق قىلغاننىڭ پايدىسىنى كۆرۈۋاتىمەن. ئەينى يىللىرى داڭلىق بوكس چولپانلىرى بىلەن بىللە مەشىق قىلسام دەپ ئويلىغانىدىم، ئەمدى ئۇلارنىڭ قولىدا تەربىيىلىنىپ يېتىلدىم. مۇسابىقىلەردە چېمپىيونلۇقنىمۇ قولغا كەلتۈردۈم. مېنىڭ ئەمدىكى ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم دۆلىتىمىزدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشتۇر. مەن بۇنىڭ ئۈچۈن قولۇمدىن كېلىشىچە تىرىشىمەن.

    مۇھەممەت تۇرسۇن چوڭ گەرچەيېشى كىچىك بولسىمۇ  ئۇ ئۆزىنىڭ ئېرىشكەن شان– شەرەپلىرىدىن مەغرۇرلىنىپ قالماي، پۈتۈن زېھنى بىلەن مەشىق قىلىش بىلەن بىرگە، يەنە ئۆزىنىڭ بىلىم سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكىمۇ تىرىشماقا. بىز ئۇنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، كۆڭلىگە پۈككەن ئارزۇسىغا يېتىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز.

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ