باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
15– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى
2008- 04- 08 17:03 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستاسىسى

    14–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى  ئۆتكۈزۈشنى لۇندونلا ئىلتىماس قىلغان بولسا، 15– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى خېلىسىنكى، ئامىستېردام، ئافىنا، دېترويت، مىننېئاپولىس، لوزاننا،فلادېلفىيە، ستوكھولۇم، چىكاگو قاتارلىق 9 شەھەر بىرلا ۋاقىتتا ئىلتىماس قىلغان. ئامېرىكىدىنلا تۆت شەھەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش رىقابىتىگە قاتناشقان بولۇپ، بۇ ئولىمپىك تارىخىدا ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋال. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بىلەت تاشلاپ قارار قىلىشى ئارقىلىق، خېلىسىنكى 15– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن.

     خېلىسىنكى فىنلاندىيىنىڭ پايتەختى ھەم مۇھىم پورتى. فىنلاندىيىنىڭ زىمىنى كىچىك، نوپۇسى ئاز بولسىمۇ، تەنتەربىيە ھەرىكىتى ئومۇملاشقان بولۇپ، فىنلاندىيە تەنھەرىكەتچىلىرى يازلىق ۋە قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ھەممىسىدە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ھازىرقى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ 50 يىللىق تارىخىدا فىنلاندىيە تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ ئېرىشكەن  نەتىجىسى ئامېرىكىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان.

    1952 –يىل 7– ئاينىڭ 19– كۈنى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت بىردە 15– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى خېلىسىنكىدا باشلانغان. بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا 69 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن4 مىڭ925تەنھەرىكەتچى قاتناشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 518 ئايال تەنھەرىكەتچى بار ئىدى. باخاما تاقىم ئاراللىرى، گانا، گۇۋاتىمالا، شاڭگاڭ، ئىسرائىلىيە، ھېندونىزىيە، نىگىرېيە، تايلاند قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلار تۇنجى قېتىم قاتناشقان. قۇرۇلغىنىغا ئۇزۇن بولمىغان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى ، فىدراتىپ گېرمانىيىمۇ تۇنجى قېتىم تەكلىپ بىلەن قاتناشقان.

 1957–يىل7– ئاينىڭ 17– كۈنى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى خېلىسىنكىدا47– نۆۋەتلىك يىغىنىنى ئېچىپ، 22 ئاۋازغا قارشى 33 ئاۋاز بىلەن جۇڭگو تەنھەرىكەتچىلىرىنى بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىش قارارىنى ماقۇللىغان. جياڭجېشى تەرەپ ۋەكىلىنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشى تۈپەيلىدىن جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەنتەربىيە باش جەمئىيىتى تەكلىپ تېلېگراممىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىشىغا بىرنەچچە سائەتلا ۋاقىت قالغان. 7– ئاينىڭ 19– كۈنى جۇئېنلەي زوڭلى: ‹‹چوقۇم قاتنىشىش كېرەك!›› دەپ تەستىق سالغان ھەمدە: ‹‹رەسمىي مۇسابىقىغا قاتنىشالمىساقمۇ، فىنلاندىيە تەنھەرىكەتچىلىرى بىلەن مۇسابىقىلىشىپ دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ خىزمىتى ۋە تەنھەرىكەتچىلىرىمىزنىڭ مەنىۋى قىياپىتى ئارقىلىق يېڭى جۇڭگونى تەشۋىق قىلىشىمىز كېرەك››دەپ كۆرسەتمە بەرگەن. يېڭى جۇڭگو تۇنجى قېتىم ئالدىراپلا كوماندا تەشكىللەپ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار خېلىسىنكىغا يېتىپ بارغاندا نۇرغۇن مۇسابىقە تۈرلىرى ئاخىرىلىشىپ بولغان. جۇڭگونىڭ ئۈچ  توپ كوماندىسى فىنلاندىيە توپ كوماندىسى بىلەن تۆت مەيدان مۇسابىقىلەشكەن. ۋۇ چۇەنيۇ   ئوڭدىسىغا 100مېتىرغا  ئۈزۈش مۇسابىقىسىغا قاتناشقان بولۇپ، نەتىجىسى 1 مېنۇت 12 سېكۇنت 3 دەقىقە بولغان. بۇ يېڭى جۇڭگو  تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدا خاتىرىلەنگەن  تۇنجى نەتىجىسى ئىدى. تۇنجى قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قاتناشقان سوۋېت ئىتتىپاقى، بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ جەمئىي 295 تەنھەرىكەتچى ئەۋەتكەن بولۇپ، ئادەم سانى جەھەتتە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. سابىق سوۋېت ئىتتىپاق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قاتناشقاندىن كېيىن، ئايرىم تۈرلەردە ئامېرىكا تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ مونوپوللۇق ئورنىغا  خاتىمە بېرىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا ئۆز ئارا تىركىشىش  ۋەزىيىتى  باشلانغان.

     بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا ساھىبخان پۇختا تەييارلىق قىلغان بولغاچقا ناھايىتى مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغان. يېنىك ئاتېلېتىكا مۇسابىقىسىدىلا 14 قېتىم دۇنيا رېكورتى بۇزۇپ تاشلانغان، 179 قېتىم ئولىمپىك رېكورتى يېڭىلانغان. بىر تۈركۈم ياش مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچىلەر دۇنيا تەنتەربىيىسىدە نامايەن بولغان.

    ئىككى ھەپتە داۋاملاشقان خېلىسىنكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 1952– يىل 8– ئاينىڭ 3– كۈنى ئاخىرلاشقان. مۇسابىقە  مەزگىلىدە ھاۋارايى ياخشى بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن بىر قېتىملىق ناھايىتى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن يۇقىرى سەۋەيىلىك مۇسابىقە بولغان. ئالتۇن مېدال سانى جەھەتتە ئامېرىكا يەنىلا بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، جەمئىي 40 ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈرگەن. سوۋېت ئىتتىپاقى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، 22 ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈرگەن. خېلىسىنكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئىچىپ، ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت تەنتەربىيىدە كۈچلۈك ئىككى دۆلەت ئۆز ئارا قارشىلىشىدىغان دەۋرگە قەدەم قويغان.

     قائىدە بويىچە، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزگەن دۆلەتنىڭ باشلىقى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ مۇسابىقىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى جاكارلايتتى، خەلقئارا  ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولسا مۇسابىقىنىڭ ئاخىرىلىشىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ مۇسابىقىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلايتتى. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئېدېستروم ئاخىرلىشىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ بولغاندىن كېيىن نېمە سەۋەبتىندۇر‹‹15–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلايمەن!›› دېگەن ئەڭ مۇھىم سۆزنى ئېيتىشنى ئۇنتۇپ قالغان. شۇڭا بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە ئاخىرلاشمىدى دەپ قارىلىپ، كىشىلەر تەرىپىدىن ‹‹مەڭگۈلۈك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى›› دەپ ئاتالغان. 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ