|
ئولىمپىك بەلگىسى، بايرىقى، ئىبرەتلىك سۆزى ۋە شېئىرىنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىدا بولىدۇ، ئۇنى ھەر قايسى دۆلەتلەر قانۇنىي جەھەتتىن قوغدايدۇ. ئۇنى ئىشلىتىشكە نىسبەتەن تۆۋەندىكىدەك بەلگىلىمىلەر چىقىرىلغان:
1. ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى مەملىكەتلىك ئولىمپىك كومىتېتلىرى چوقۇم خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ‹‹ئولىمپىك››، ‹‹ئولىمپىك دەۋرى›› قاتارلىق ناملارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدىشى لازىم.
2. دۆلەتلىك ئولىمپىك كومىتېتى پەقەت پايدا قوغلاشمايدىغان پائالىيەت دائىرىسى ئىچىدىلا ئاندىن ئولىمپىك بەلگىسى، بايرىقى، ئىبرەتلىك سۆزى ۋە گىرىبىنى ئىشلەتسە بولىدۇ. لېكىن بۇ چوقۇم ئولىمپىك ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇشى، ئولىمپىك ھەرىكىتىنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىكى، ھەم ئىشتىن ئاۋال خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى لازىم.
3. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا ئالاقىدار ئىشلارنى دۆلەت ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ھەمكارلىشىشى ئاستىدا، شۇ دۆلەتتىكى ئاساسىي باشقۇرغۇچى مەمۇرىيلار خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئولىمپىك بەلگىسى بېسىلغان ماركىلارنى تارقىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى خەلقئارا ئولىمپىك ئىجرائىيە كومىتېتى بەلگىلىگەن شەرت ئاستىدا ئولىمپىك بەلگىسىنى ئىشلىتىش ھوقوقىنى بەرسە بولىدۇ.
4. دۆلەتلىك ئولىمپىك كومىتېتى بىلەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى تەشكىلى كومىتېتى ئولىمپىك گىرىبىى ئىشلەتسە بولىدۇ. ئەگەر ئىجرائىيە كومىتېتى مەلۇم بىر گىرىبنى ئولىمپىك بەلگىسى ياكى ئولىمپىك گىرىبى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قويمىغان دەپ قارىسا، بۇ گىرىبنىڭ نۇسخىسىنى تەستىقلاشقا بولىدۇ.
5. گىرىبنىڭ لايىھىسىدىن يەنە كىشىلەر چوقۇم ئالاقىدار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلى كومىتېتى تۈزگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېنىق پەرق ئېتەلىشى لازىم. ئۆزىگە خاس قىسىمىغا پەقەت ئولىمپىك تەنھەرىكەتمۇسابىقىسىتەشكىلى كومىتېتى تۇرىۋاتقان دۆلەتنىڭ ئىسىمى ياكى قىسقارتىلمىسىنى يېزىپ قويۇشقا بولمايدۇ. ۋاقىت جەھەتتىكى چەكلىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىياكى مەلۇم ئالاھىدە پائالىيەتنىلا تىلغا ئېلىشقا بولمايدۇ. كىشىلەرگە يەر شارى خارەكتىرلىك ياكى خەلقئارالىق تەسىر بېرىپ قويىدىغان ئىبرەتلىك سۆزلەر، ئىسىملار ياكى باشقا سۆزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالسىمۇ بولمايدۇ.
6. پەقەت شارائىت يار بەرسىلان مەيلى قايسى ۋاقىتتا، قانداق جايدا بولسۇن، دۆلەت ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئولىمپىك گىرىبىنى دۆلەتلىك ئولىمپىك كومىتېتى ئۆز دۆلىتىدە ئەنگە ئالدۇرىدۇ. بۇ گىرىب خەلقئارا ئولىمپىك ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ تەستىقىغا ئېرىشكەندىن كېيىنكى ئالتە ئاي ئىچىدە ئەنگە ئالدۇرۇشنى تاماملايدۇ ھەمدە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئەنگە ئالدۇرۇش ئىسپاتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
7. دۆلەتلىك ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئولىمپىك گىرىبىنى ئىشلىتىشى پەقەت شۇ دۆلەت ئولىمپىك كومىتېتى تۇرۇۋاتقان دۆلەت دائىرىسىدىلا كۈچكە ئىگە؛ ئىشتىن ئاۋال پەقەت يەنە بىر دۆلەت ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ماقۇللىقىنى ئالىدۇ. بۇ دۆلەت ئولىمپىك كومىتېتى تۇرۇۋاتقان دۆلەتتە ھەر قانداق ئېلان، سودا ياكى پايدا ئېلىش مەقسىتىدە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
8. ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا،ئولىمپىك تەنھەرىكەت تەشكىلى كومىتېتى ئىمزا قويغان ھەر قانداق توختامنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇش مۇددىتى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشكە ئالاقىدار يىلدىكى 12- ئاينىڭ 31- كۈنىدىن ھالقىپ كەتسە بولمايدۇ.
9. ئولىمپىك گىرىبىنى ئىشلىتىش چوقۇم ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇشى، ئۇنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىگە زىيان يەتمەسلىكى، مەلۇم بىر ئولىمپىك گىرىبى بىلەن مەلۇم بىر مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتنىڭ ھەر قانداق مۇناسىۋىتى بولماسلىقى لازىم. ئەگەر ئولىمپىك ئاساسى نىزامىدىكى ئاساسى پىرىنسىپلار بىلەن ئاساسى نىزامدا بەلگىلەنگەن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ مەسئۇلىيىتى ماس كەلمىسە، چەكلىنىشى لازىم.
10. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلەر بويىچە، ھەر قانداق دۆلەت ئولىمپىك كومىتېتى ياكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت تەشكىلى كومىتېتى ئىمزالىغان ھەر قانداق بىر توختامنىڭ بىر پارچە قوشۇمچە نۇسخىسى بىلەن تەمىنلىشى لازىم.
11. ئەگەر ئايرىم- ئايرىم ھالدا تۆۋەندىكى شەرتلەر قانائەتلەندۈرۈلسە، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ياكى شۇ ھوقوقنى بەرگۈچى مەلۇم دۆلەت ئولىمپىك كومىتېتى تۇرۇۋاتقان دۆلەت ئىچىدە ئولىمپىك بەلگىسى بىلەن ئولىمپىك گىرىبىنى ئىشلەتسە بولىدۇ. قوللاش خارەكتىرلىك ۋە تەمىنلەش خارەكتىرلىك بارلىق كېلىشىم بىلەن ئىمزا قويىدىغان ئورۇندىن باشقا ھەر قانداق سودا خارەكتىرىدىكى پائالىيەتلەرگە نىسبەتەن مۇنداق شەرت قويۇلىدۇ: بۇ خىل پايدىلىنىش ئالاقىدار دۆلەت ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىكى كىرەك ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قارارنى خەلقئارا ئولىمپىك ئىجرائىيە كومىتېتى بىلەن شۇ دۆلەت ئولىمپىك كومىتېتى كېڭەشكەندىن كېيىن چىقىرىدۇ، شۇنداقلا شۇ دۆلەت ئولىمپىك كومىتېتى بۇ خىل پايدىلىنىش جەريانىدا بىر قىسىم ساپ پايدىغا ئېرىشسە بولىدۇ.
12 . تىجارەت خارەكتىرلىك بارلىق توختاملارغا نىسبەتەن قويۇلىدىغان شەرت بولسا: بۇ دۆلەت ئولىمپىك كومىتېتى بۇ خىل پايدىلىنىش جەريانىدا بېرىپ تۇرغان بارلىق باج سوممىسىنى تۇتۇپ قالغاندىن كېيىنكى ساپ پايدىنىڭ يېرىمىغا ئېرىشىدۇ. بۇنداق پايدىلىنىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ئاۋۋال دۆلەت ئولىمپىك كومىتېتىغا دوكلات قىلىپ قويۇش كېرەك.
13. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ياكى ئولىمپىك تەشكىلى كومىتېتى ئىشلىتىدىغان ئولىمپىك بەلگىسى ياكى ئولىمپىك سىمۋولىنى تەشۋىق قىلىشنى تەستىقلاش ھوقوقىغا ئىگە.
|