|
مېكسىكا شەھىرى مېكسىكىنىڭ پايتەختى، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرى. بۇ شەھەر دېڭىز يۈزىدىن 2مىڭ225 مېتىر ئىگىز بولۇپ، شەرق، غەرب، جەنۇب ئۈچ تەرىپىنى تاغ ئوراپ تۇرىدۇ، شىمالىي بولسا كەڭ كەتكەن تۈزلەڭلىك. بۇ شەھەرنىڭ كىلىماتى ئىللىق بولۇپ، قىش بولمايدۇ. 19– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدا بۇ شەھەرنىڭ ئىگىزلىك كىلىماتىنىڭ ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش، يورغىلاپ مېڭىش، قولۋاق، تاشيولدا ۋېلسىپىت ھەيدەش قاتارلىق مۇسابىقە تۈرلىرىنىڭ نەتىجىسىگە تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقى، بىراق قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈش، سەكرەپ ئۆتۈش قاتارلىق مۇسابىقىلەرگە پايدىسى بارلىقى ئىسپاتلانغان. مېكسىكا شەھىرى يەنە ‹‹تام رەسىمى شەھىرى›› بولۇپ، شەھەردە نۇرغۇن تام رەسىملىرى بار. 19– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بەلگىسى تام رەسىمىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، مېكسىكا شەھىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. 19– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 1968– يىل 10– ئاينىڭ 12– كۈنىدىن 27– كۈنىگىچە مېكسىكا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن.
بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدا تۇنجى قېتىم تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ جىنسىي ئايرىمىسى بىلەن روھلاندۇرۇش دورىسى ئىچكەن–ئچمىگەنلىكى تەكشۈرۈلگەن. ئەينى ۋاقىتتتا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا 125 دۆلەت ۋە رايون ئەزا بولغان بولۇپ، بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا 112 دۆلەت ۋە رايون قاتناشقان. بۇ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارىخىدا مۇسابىقىغا قاتناشقان دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ تۇنجى قېتىم 100 دىن ئېشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مۇسابىقىغا 5مىڭ531 تەنھەرىكەتچى قاتناشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 781 ئايال تەنھەرىكەتچى بار ئىدى. باربادوس، ئەنگىلىيىگە قاراشلىق ھوندۇراس، گۋىنىيە، زايىر، كۇۋەيت، لىۋىيە، نىكاراگۇا، پاراگۋاي، سالۋادور، سۇرىنام، سېرالېئون، ئوتتۇرا ئافرىقا قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلار تۇنجى قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قاتناشقان. جەنۇبىي ئافرىقا 1964– يىلىدىكى بىلەن ئوخشاش مۇسابىقىغا قاتناشتۇرۇلمىغان. جۇڭگو تەيۋەن 43 تەنھەرىكەتچى ئەۋەتىپ قاتناشتۇرغان. فدىراتىپ گېرمانىيە بىلەن دېموكراتىك گېرمانىيە 1956– يىلىدىن باشلاپ بىرلەشمە كوماندا تەشكىللەپ، 1956– يىلىدىن 1964– يىلىغىچە بولغان ئۈچ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قاتناشقان ئىدى. بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىن باشلاپ ئۆز ئالدىغا قاتناشقان. بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدا ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا كىرگۈزۈلگەن رۇداۋچە چېلىشىش تۈرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، باشقا مۇسابىقە تۈرلىرىدە ئۆزگىرىش بولمىغان بولۇپ، جەمئىي 18 چوڭ مۇسابىقە تۈرى تەسىس قىلىنغان.
مۇسابىقە 10– ئاينىڭ 12– كۈنى باشلانغان. بۇ كۈنى كولۇمبونىڭ يېڭى قۇرۇلۇقنى بايقىغىنىغا 476 يىل بولغان خاتىرە كۈن ئىدى. مېكسىكىنىڭ يېنىك ئاتېلېتىكا تەنھەرىكەتچىسى كىتا. بىرازىلىئو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇقەددەس ئوتىنى ياندۇرغان بولۇپ، ئۇ ئولىمپىك مۇسابىقىسى تارىخىدا مۇقەددەس ئوتنى تۇتاشتۇرغان تۇنجى ئايال تەنھەرىكەتچى بولۇپ قالغان. رېپىرلارنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدا تۇنجى قېتىم رېپىرلار قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. مۇراسىم تەنھەرىكەتچىلەر قەسەم بېرىپ بولغاندىن كېيىنكى ۋاقىتقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ساھىبخان دۆلەت كۆرسەتكەن بىر رېپىر :‹‹مەن بارلىق رېپىرلار بىلەن خىزمەتچىلەرگە ۋاكالىتەن شۇنداق قەسەم بېرىمەنكى، بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدا بىز ھەقىقىي ئولىمپىك روھى بىلەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بارلىق قائىدىلىرىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، رېپىرلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادىللىق بىلەن ئادا قىلىمىز›› دەپ قەسەميات قىلغان.
بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدا بۇزۇلغان رېكورتلارنىڭ سۈپىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپلا قالماي، ئايرىم تۈرلەردە يارىتىلغان رېكورتلارنىڭ سانىدا يېڭىلىنىش بولغان، بۇمۇ ئىلگىرى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىدا ئاز كۆرۈلگەن ئەھۋال. مەسىلەن ئۈچ تاقلاپ يېراققا سەكرەشتە بەش قېتىم دۇنيا رېكورتى بۇزۇپ تاشلانغان.
19 – نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرلىشىش مۇراسىمى 10– ئاينىڭ 27– كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 6 دە ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىدا ئامېرىكا 45 ئالتۇن مېدال، 28 كۈمۈش مېدال، 34 مىس مېدالغا ئېرىشىپ، ئومۇمىي نومۇر جەھەتتە 713.3 نومۇرغا ئېرىشكەن؛ سوۋېت ئىتتىپاقى 29 ئالتۇن مېدال، 32 كۈمۈش مېدال، 30 مىس مېدالغا ئېرىشىپ، ئومۇمىي نومۇر جەھەتتە 590.8 نومۇرغا ئېرىشكەن. بۇ 1952– يىلىدىن بۇيان سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكىدىن ئىبارەت تەنتەربىيىدە كۈچلۈك ئىككى دۆلەت ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئېلىشىش جەريانىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۇنجى قېتىم ئالتۇن مېدال سانى بىلەن ئومۇمىي نومۇردا ئامېرىكىغا ئۇتتۇرۇپ قويىشىدۇر .
|