|
1896–يىلىدىكى 1–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ۋېلىسىپىت تۈرى رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلدى. ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەرەققىياتىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا، ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسىنىڭ ‹‹مەيدان ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى›› ۋە ‹‹ تاشيول ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى›› دىن ئىبارەت ئىككى مۇسابىقە تۈرى بار ئىدى. 20–ئەسىرنىڭ 20–يىللىرىدىن 40–يىللىرىغىچە، مەيدان ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى ۋە تاشيول ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسىنىڭ تۈرلىرى بىر قەدەر قېلىپلاشتى؛ 20–ئەسىرنىڭ 50–يىللىرىدىن كېيىن، خەلقئارا ۋېلىسىپىت تەنھەرىكىتى ئىتتىپاقى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسىگە تۈر تەسىس قىلىپ، مۇسابىقە ئۇسۇلىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە مۇسابىقە سۈپىتى يۇقىرى، تاماشىبىنلار ياخشى كۆرىدىغان، بىر قەدەر پىشىپ يېتىلگەن تاغلىق يەر ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى، كىچىك چاقلىق ۋېلىسىپىت قاتارلىق مۇسابىقە تۈرلىرىنى كۆپەيتتى. ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسىگە تۈر تەسىس قىلىش جەدۋىلىدىن، ھازىرقى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسىنىڭ ھەم ئەنئەنىۋى تۈرلىرىنىڭ، ھەم ھازىرقى زامان تۈرلىرىنىڭ بارلىقىنى ھەمدە مۇسابىقە تۈرى ۋە ئۇسۇلىنىڭ تېخىمۇ قېلىپلاشقانلىقى ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
|