|
بېرلىن ياۋوپادىكى داڭلىق شەھەر ھەم مۇھىم خەلقئارالىق قاتناش تۈگۈنلىرىنىڭ بىرى، گېرمانىيىنىڭ پايتەختى. 11– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 1936 – يىل 8– ئاينىڭ 1– كۈنىدىن 16– كۈنىگىچە بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن.
بېرلىن1916– يىلى 6– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدىغان جاي قىلىپ بېكىتىلگەن بولسىمۇ، 1– دۇنيا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلمىگەن. ئۇرۇشتىن كېيىن گېرمانىيە مىللىتارىزىمى خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن جازالىنىپ، گېرمانىيىنىڭ ئۇدا ئىككى قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قاتنىشىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلانغان. 1928– يىلىغا كەلگەندىلا ئاندىن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن. 1927– يىلى گېرمانىيە ئولىمپىك كومىتېتى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا خەت يېزىپ ، 11– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈمۈد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە مۇسابىقىنى بېرلىن، كلۇن، نيۇرىنبۇرگ، فرانكفورت قاتارلىق تۆت شەھەرنىڭ بىرىدە ئۆتكۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مىسىرنىڭ ئالىكساندىرىيە، ئېرلاندىيىنىڭ دۇبلىن، ئىسپانىيىنىڭ بارسىلونا، ۋېنگىرىيىنىڭ بۇداپىشت، ئارگېنتىنانىنىڭ بۇيىنىس–ئايرىس، ئىتالىيىنىڭ رىم ۋە فىنلاندىيىنىڭ خېلىسىنكى شەھەرلىرىمۇ ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغان.
1932 – يىلى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 11– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بېرلىندا ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان. 1933– يىلى گېتلىر گېرمانىيە ھاكىمىيىتىنى قولىغا كىرگۈزۈۋالغاندىن كېيىن، گېرمانىيىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدە زور ئۆزگىرىش بولغان. گېرمانىيىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتىگە ئاساسەن، 1934– يىلى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 11– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بېرلىندا ئۆتكۈزۈش ياكى ئۆتكۈزمەسلىك مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان ھەمدە مەخسۇس تەكشۈرۈش كومىتېتى تەشكىللەپ، گېرمانىيىگە بېرىپ ئەمەلىي تەكشۈرۈشكە ئەۋەتكەن. تەكشۈرۈش كومىتېتى ناتسىستلارنىڭ يەھۇدىلارنى چەتكە قىقىش، ھەربىي ھازىرلىقلارنى كېڭەيتىش قاتارلىق جىنايى قىلمىشلىرىنى ئاڭلىغان ۋە كۆرگەن، ناتسىستلارنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قارشى تۇرۇشتىن تارتىپ، ئۇنى ئاكتىپلىق بىلەن قوللىشىدىكى رەزىل مەقسىدىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشۈنۈپ يەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار بېرلىن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش شارائىتىنى ھازىرلىغان دەپ قارىغان. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى گېتلىرىنىڭ تەشۋىقاتى بىلەن ئەينى ۋاقىتتا ياۋروپادا ئەۋج ئالغان مادارىچىلىق سىياسىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا ، ئەسلى قارارىنى ساقلاپ قالغان،شۇنىڭ بىلەن 11– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن.
شۇ يىلى ئىككىنچى ئايدا، گېرمانىيىنىڭ ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزۈۋالغان گېتلىر بېرلىن ئولىمپىك كومىتېتى يىغىنىنىڭ باشلىقى بولغان. ئۇ 16توننا مىس بىلەن غايەت زور ئولىمپىك سائىتى قۇيۇشقا، پولاتتىن ئىگىزلىكى 70 مېتىر كېلىدىغان گېتلىر سائەت مۇنارى ياساشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. زور مەبلەغ سەرپ قىلىپ گرانت تاش قاتارلىقلاردىن 100مىڭ كىشى سېغىدىغان چوڭ تەنتەربىيە مەيدانىدىن بىرنى، 20 مىڭ كىشى سېغىدىغان سۇ ئۈزۈش سارىيىدىن بىرنى يېڭىدىن سالدۇرغان ھەم لوس–ئانژېلىستىكى ئولىمپىك كەنتىدىنمۇ ھەشەمەتلىك ئولىمپىك كەنتى سالدۇرغان. ئۇ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن پايدىلىنىپ ناتسىستزمنى تەشۋىق قىلىش،گېرمانىيىنىڭ گۈللەپ ياشناۋاتقانلىقىنى نامايەن قىلىش، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى رەزىل نىيىتىنى يوشۇرۇش نىيىتىگە يەتمەكچى بولغان. شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، گېرمانىيە تۇنجى بولۇپ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى تېلېۋىزىيە ئارقىلىق كۆرسەتكەن بولۇپ، بۇ كېيىنكى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى تېلېۋزىيىدە كۆرسىتىشكە ئاساس سالغان.
شۇنداق بولسىمۇ، گېرمانىيە فاشىستلىرىنىڭ ئالدامچىلىق قىلمىشىنى نۇرغۇن ئۇقۇمۇشلۇق زاتلار كۆرۈپ يەتكەن. 1936– يىلى پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹ئولىمپىك ئىدىيىسىنى قوغداش قۇرۇلتىيى››دا كىشىلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بېرلىندا ئۆتكۈزۈشكە قارشى تۇرۇشقا، مۇسابىقىنى بارسىلونادا ئۆتكۈزۈشكە ئۆزگەرتىشكە چاقىرىق قىلىنغان. ئامېرىكىنىڭ نيۇ–يوركتا بىر كۆرەش قىلىش كومىتېتى قۇرۇلغان، ياۋروپادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە بارسىلونانىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشىنى ئاكتىپلىق بىلەن قوللىغان. 7– ئايدا فرانسىيە، ئەنگىلىيە، ئامېرىكا، شۋېتسارىيە، شۋېتسىيە، گرېتسىيە قاتارلىق 20 نەچچە دۆلەتنىڭ تەنھەرىكەتچىسى بارسىلوناغا جەم بولۇپ، 7– ئاينىڭ 18– كۈنى بۇيەردە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان مۇسابىقىغا قاتناشماقچى بولغان. بىراق ناتسىستلارنىڭ پاراكەنچىدىچىلىكى تۈپەيلىدىن مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلمىگەن.
ئەپسۇلىنارلىقى، بۇ ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ 11– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بېرلىندا ئۆتكۈزۈش قارارىنى ئۆزگەرتەلمىگەن، مۇسابىقە ئۆز قەرەلىدە بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن. مۇسابىقە 1936– يىلى8– ئاينىڭ 1– كۈنى رەسمىي باشلانغان.
1934– يىلىدىكى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئافىنا يىغىنىدا قەدىمكى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، مۇسابىقە مەزگىلىدە، مۇسابىقە باشلانغاندىن ئاخىرىلاشقىچە ئاساسلىق مەيداندا ئولىمپىك ئوتىنى ياندۇرۇشنى قارار قىلغان ھەمدە مەشئەلگە ئوتنى چوقۇم ئولىمپىيىدە تۇتاشتۇرغاندىن كېيىن تەنھەرىكەتچىلەر كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئوتنى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈدىغان دۆلەتكە يەتكۈزۈشنى بەلگىلىگەن. مۇشۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن باشلاپ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى مۇقەددەس ئوت يېقىشنى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان قائىدىلەرنىڭ بىرى قىلىپ رەسمىي بېكىتكەن.
بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا 49 دۆلەتتىن كەلگەن 4066 تەنھەرىكەتچى قاتناشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 328 ئايال تەنھەرىكەتچى بار ئىدى. ئافغانىستان، بېرمۇدا تاقىم ئاراللىرى، بولىۋېيە، كوستارىكا، پېرۇ تۇنجى قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قاتناشقان. جۇڭگو باش يېتەكچى ۋاڭ جىڭتىڭ، باش تېرىنېر مايۆخەندىن تەركىپ تاپقان 100 تەنھەرىكەتچىنى ئەۋەتىپ، يېنىك ئاتېلېتىكا، سۇ ئۈزۈش، شىتانكا كۆتۈرۈش، ۋېلسىپىت، بوكىس، ۋاسكىتبول، پۇتبول قاتارلىق ئالتە چوڭ تۈردىكى مۇسابىقىغا قاتناشتۇرغان. بۇنىڭدىن باشقا چامباشلىق كۆرسىتىش كوماندىسى بىلەن تەنتەربىينى تەكشۈرۈش ئۆمىكىمۇ ئەۋەتكەن. بىراق،تەنھەرىكەتچىلەر ياخشى تاللانمىغان ۋە مەشقلەندۈرۈلمىگەن بولغاچقا، يېنىك ئاتېلېتىكا مۇسابىقىسىغا قاتناشقان 23 تەنھەرىكەتچىنىڭ ئىچىدە خادىغا تايىنىپ ئىگىزگە سەكرەش ماھىرى فۇباۋلۇنىڭ نەتىجىسىلا مۇسابىقىنىڭ لاياقەتلىك ئۆلچىمىگە يەتكەن، باشقا سەككىز تەنھەرىكەتچى 17– بولغان. پۇتبول كوماندىسى ئەنگىلىيە كوماندىسى بىلەن بولغان تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدىلا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ مۇسابىقىگە داۋاملىق قاتنىشىش سالاھىيىتىدىن مەھرۇم قالغان، ۋاسكىتبول كوماندىسى فرانسىيە،پېرۇ كوماندىسىنى ئۇتقان بولسىمۇ، يەنە بىر نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە قاتنىشالماي، مەغلۇبىيەت بىلەن قايتىپ كەلگەن.
بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېنىك ئاتېلىتىكا مۇسابىقىسىدە ئامېرىكىلىق نىگىر تەنھەرىكەتچى جېس.ئوۋېنىس 100 مېتىرغا، 200 مېتىرغا يۈگۈرۈش، يېراققا سەكرەش ۋە 400 مېتىرلىق كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش قاتارلىق تۈردە تۆت ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىپ بېرلىننىڭ كوچا–كويلىرىدا ھەممە ئادەم ئېغىزدىن چۈشۈرمەي ماقتىشىدىغان شەخسكە ئايلانغان. شۇڭا ئاخبارات ساھەسىدىكىلەر بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ‹‹ئوۋېنىس تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى››دەپ ئاتاشقان.
بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 8– ئاينىڭ 16– كۈنى ئاخىرلاشقان. ساھىبخان مۇسابىقە ئۆتكۈزگۈچى دۆلەت بولۇشتەك پايدىلىق شارائىتتىن پايدىلىنىپ، 33ئالتۇن مېدال، 26كۈمۈش مېدال، 30 مىس مېدالغا ئېرىشىپ، مېدال سانى جەھەتتە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.
|