باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقسىنىڭ ھازىرقى زامان بەش تۈر تەنھەرىكەت تۈرى
2008- 03- 26 12:51 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستاسىسى

    1912– يىلى شۋېتسىيىنىڭ پاختەختى ستوكگلومدا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ھازىرقى زامان بەش تۈر تەنھەرىكىتى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلدى. 1952– يىلىدىكى خېلسىنكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن كېيىن ھازىرقى زامان بەش تۈر تەنھەرىكىتى مۇسابىقىسىدە شەخسىي ۋە كوللېكتىپ تۈردىن ئىبارەت ئىككى تۈر تەسىس قىلىندى. 1963– يىلى لوس– ئانژىلىستا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئولىمپىك يىغىنى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا، ھازىرقى زامان بەش تۈر تەنھەرىكىتى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 11– ئورۇنغا قويۇلدى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 1912– يىلىدىن 1980– يىلىغىچە بولغان ھەر قايسى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىدە ھازىرقى زامان بەش تۈر تەنھەرىكىتى مۇسابىقىسى 5 كۈن ئىچىدە تاماملىنىدىغان بولۇپ، بىر كۈنگە بىر تۈر ئورۇنلاشتۇرۇلدى. 1984– يىلىدىن 1992– يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، قائىدىگە ئاساسەن: ھازىرقى زامان بەش تۈر تەنھەرىكىتى مۇسابىقىسىنىڭ 4 كۈن ئىچىدە تاماملىنىشى، يۈگۈرۈش ۋە قارغا ئېتىش ياكى سۇ ئۈزۈش تۈرلىرىنىڭ بىر كۈنگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بەلگىلەندى. 1996– يىلىدىكى ئاتلانتا ئولىمىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن ھازىرغىچە، مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ئەر تەنھەرىكەتچىنىڭ 32 بولۇشى، ئىچىدە 5 تۈر بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان مۇسابىقىنى بىر كۈندە تاماملىشى بەلگىلەندى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە كوللېكتىپ تۈر بىكار قىلىنىپ، پەقەت شەخسىي تۈرلا تەسىس قىلىندى. 1998– يىلى، خەلقئارا ھازىرقى زامان بەش تۈر تەنھەرىكىتى ئىتتىپاقى ئاياللار ھازىرقى زامان بەش تۈر تەنھەرىكىتى تۈرىنى سىدنىي ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈشنى تەستىقلىدى. ھازىرغا قەدەر، 100 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوننىڭ ھازىرقى زامان بەش تۈر تەنھەرىكىتى جەمئىيىتى خەلقئارا ھازىرقى زامان بەش تۈر تەنھەرىكىتى ئىتتپاقى تەشكىلاتىغا ئەزا بولدى. تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، دۇنيادا ھازىرقى زامان بەش تۈر تەنھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 6 مىڭدىن ئارتۇق ئەر، ئايال تەنھەرىكەتچى بار ئىكەن.

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ