|
9 –نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 1928 –يىل 5–ئاينىڭ17–كۈنىدىن 8–ئاينىڭ 12–كۈنىگىچە گوللاندىيىنىڭ پايتەختى ئامىستېردامدا ئۆتكۈزۈلگەن.
1925–يىلى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى30 يىل ئۆتىگەن كوبېرتىن ياشىنىپ قالغاچقا ۋەزىپىسىدىن رەسمىي ئىستىپا بەردى، ئۇ ھازىرقى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا ئاساس سالغۇچى بولۇش سۈپىتى دۇنيا خەلقىنىڭ يۈكسەك ھۆرمىتىگە ئېرىشكەندى. لېكىن ئۇ خەلقئارا ئولىمپىك كومتېتىنىڭ رەئىسى بولغان30 يىلدا بەزى مەسىلىلەردە سەۋەنلىك ۋە خاتالىقلارمۇ كۆرۈلگەنىدى. مەسىلەن ئاياللارنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قاتنىشىشى ئۇ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدەرەسمىي ئېتىراپ قىلىنماي، ئۇ ۋەزىپىسىدىن ئايرىغاندىلا ئاندىن ھەل بولغانىدى. كوبېرتىن ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن لوزاننادا ئولتۇراقلىشىپ 1937–يىلى 74 يېشىدا ۋاپات بولدى. كوبېرتىن ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن، 1925–يىل 5–ئاينىڭ 28–كۈنى پراگادا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا بېلگىيىلىك لاتور خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلاندى، بۇ قېتىمقى يىغىندا يەنە گېرمانىيىنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قايتا قاتنىشىش مەسىلىسىمۇ ھەل قىلىندى.
ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بىر قانچە شەھەر ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرىلىشىش بىلەنلا ئۆتكۈزۈلگەن 7–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىمۇ ئۈچ شەھەر ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغانىدى. ئەمما، 1928–يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بىرلا ئامىستېردام شەھىرى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغاچقا، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئامىستېردامدا ئۆتكۈزۈلدى.
ئامىستېردام گولاندىيىنىڭ پايتەختى ۋە دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ پورت بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى نوپۇسى500 مىڭغىمۇ يەتمەيتتى، قاتنىشى قولاي ئىدى. ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەسىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن،ساھىبخان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۈچۈن ئىگىز مۇناردىن بىرنى ياسىغان. ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە مۇنارغا يېقىلغان ئوت كۆيۈپ تۇرغان. بۇ ئوت ئولىمپىيىدە تۇتاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئاۋۋال پېتىنقى ئەينەك ئارقىلىق ئېلىنغان قۇياش نۇرى مەشئەلگە تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئاندىن كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزۈش ئارقىلىق، گرېتسىيە، يوگۇسلاۋىيە، ئاۋىستىرىيە، گېرمانىيە قاتارلىق تۆت دۆلەتتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاخىرىدا ساھىبخان دۆلەتتىكى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەيدانىغا يەتكۈزۈلگەن. بۇ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدا بۇنداق پائالىيەتنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلۈشى بولۇپ ، 1934–يىلى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئاندىن رەسمىي قارار قىلغان، 10–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن باشلاپ باشلىنىش مۇراسىمىدا ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىغان.
9–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 5–ئاينىڭ 17–كۈنىدىن 8–ئاينىڭ 12–كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلگەن، 7–ئاينىڭ 28–كۈنى باشلىنىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. باشلىنىش مۇراسىمىدا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى تەرتىپ بويىچە مەيدانغا كىرگەن، يەنى گرېتسىيە تەنھەرىكەتچىلىرى ئەڭ ئاۋۋال،ساھىبخان دۆلەت تەنھەرىكەتچىلىرى ئەڭ كېيىن كىرگەن. كېيىنكى نۆۋەتلىك مۇسابىقىلاردا تەنھەرىكەتچىلەر تەرتىپ بويىچە مەيدانغا كىرىش مۇشۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان. بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىغا 44 دۆلەتتىن كەلگەن 314 تەنھەرىكەتچى قاتناشقان بولۇپ، بۇلارنىڭ290 ى ئايال تەنھەرىكەتچى. مالتا، پاناما، رودىسىيە يەنى ھازىرقى زىمبابۇۋىي تۇنجى قېتىم قاتناشقان. جۇڭگو 1924–يىلى ئۈچ تېننىس توپ تەنھەرىكەتچىسىنى پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن 8–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا ئويۇن كۆرسىتىشكە ئەۋەتكەندىن كېيىن، بۇ قېتىم تۇنجى بولۇپ سوڭ رۇخەينى كۈزەتكۈچىلىككە ئەۋەتكەن. گېرمانىيىنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىلەن مۇناسىۋېتى 16يىل ئۈزۈلۈپ قالغاندىن كېيىن، قايتىدىن تەنھەرىكەتچى ئەۋەتىپ قاتناشتۇرغان.
بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدا زەيتۇن توپ، تېننىس، چەۋەندازلىق، قارىغا ئېتىش قاتارلىق تۈرلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، تۇنجى قېتىم ئاياللارنىڭ يېنىك ئاتېلىتېكا ۋە گىمناستىكا تۈرى مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن.
|