باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقسىنىڭ قول توپ تۈرى
2008- 03- 25 13:11 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستاسىسى

      1926 – يىلى، گرېتسىيىنىڭ ئەتراپىدىكى بىر قەدىمىي شەھەر سېپىلىنىڭ قەبرە تېشى نەقىشىدە، مىلادىدىن بۇرۇنقى 8 – ئەسىردىكى ھازىرقى زامان قول توپى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئەمەلدارلار ئوينايدىغان ‹‹ قول توپى››ئويۇنى تەسىۋىرلەنگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ھازىرقى زامان قول توپى تەنھەرىكىتىنىڭ دەسلەپكى شەكلى، ئەڭ بالدۇر پەيدا بولغان قول توپىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئويۇندىن كېلىپ چىققان. 1848– يىلى دانىيە تەنتەربىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى خېرگى نېلسىن ئورتېبول مەكتىپىدە بىر مەيدان ‹‹ قول توپ›› مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدۇ. ئەينى چاغدا مۇسابىقە مەيدانىنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئىككى ۋارتا بولۇپ، مۇسابىقىگە چۈشكەن ئىككى تەرەپ ماھىرى توپنى قولى بىلەن تۇتۇپ ۋارتاغا ئېتىپ كىرگۈزگەنلىكتىن، بۇ ئويۇن ‹‹قول توپى›› دەپ ئاتالغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن دانىيىلىك خېرگى نېلسىن ئەپەندى‹‹قول توپىنىڭ ئاتىسى›› دەپ تەرىپلەنگەن. ھازىرقى زامان قول توپى تەنھەرىكىتى ياۋرۇپادا بارلىققا كەلگەن. 1906– يىلى دانىيە، نېلسىن بېكىتكەن قول توپى مۇسابىقىسىنىڭ قائىدىسىنى نەشىر قىلدى. بۇ ،نۆۋەتتە بارلىققا كەلگەن ئەڭ ئاۋۋالقى قول توپى قائىدىسى ھېسابلىنىدۇ، ھەمدە دانىيە، گېرمانىيە، شۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن تەدرىجىي دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئومۇملىشىشقا باشلىدى. 1928– يىلى ئامىستېردامدا ئۆتكۈزۈلگەن 9– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، خەلقئارا ئىشتىن سىرتقى قول توپچىلار بىرلەشمىسى قۇرۇلدى. 1936– يىلى بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن 11– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، ئەرلەرنىڭ 11 كىشىلىك قول توپ تۈرى تۇنجى قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلدى. ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قول توپ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن، ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىدىن ئۆتۈش كېرەك، ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ كونكرېت مۇسابىقە ئۇسۇلىنى خەلقئارا قول توپچىلار بىرلەشمىسى بېكىتىدۇ. 29 – نۆۋەتلىك  بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، ئەرلەر، ئاياللار ھەر قايسىسىدىن 12 كوماندا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قاتنىشىش سالايىھىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.  

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ