باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقسىنىڭ تۇلۇم قولۋاق تۈرى
2008- 03- 25 13:05 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستاسىسى

1924–يىلى پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن 8 – نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە، كانادا بىلەن ئامېرىكىلىق تەنھەرىكەتچىلەر سېنا دەرياسىدا قولۋاق ئويۇن كۆرسىتىش مۇسابىقىسى ئېلىپ باردى. 1936– يىلى، بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن 11– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، تۇلۇم قولۋاق تۈرى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلۈپ، 9 تۈر بويىچە مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلدى،بۇ، ئايرىم ھالدا ئەرلەر مىڭ مېتىر يەككە كىشىلىك تۇلۇم قولۋاق، جۈپ كىشىلىك تۇلۇم قولۋاق، يەككە كىشىلىك قولۋاق، جۈپ كىشىلىك قولۋاق، 10 مىڭ مېتىر يەككە كىشىلىك تۇلۇم قولۋاق، جۈپ كىشىلىك تۇلۇم قولۋاق، جۈپ كىشىلىك قولۋاق شۇنداقلا چۇۋۇشقا بولىدىغان 10 مىڭ مېتىر يەككە كىشىلىك تۇلۇم قولۋاق ۋە جۈپ كىشىلىك تۇلۇم قولۋاق تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 14– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە يەنە ئەرلەر مىڭ مېتىر يەككە كىشىلىك قولۋاق ۋە ئاياللار 500 مېتىر يەككە كىشىلىك تۇلۇم قولۋاق تۈرى كۆپەيتىلدى. 1960– يىلى رىمدا ئۆتكۈزۈلگەن 17– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، مىڭ مېتىر ئارىلىقتىكى مۇسابىقىلەرنىڭ ھەممىسى بىكار قىلىنىپ، ئەرلەر 2 مىڭ مېتىر تۇلۇم قولۋاق كۈچ ئۇلاش تۈرى ۋە ئاياللار 500 مېتىر جۈپ كىشىلىك تولۇم قولۋاق مۇسابىقە تۈرى كۆپەيتىلدى.  1964  – يىلى كۈچ ئۇلاش مۇسابىقىسى 4 كىشىلىك ئەرلەر مىڭ مېتىر تۇلۇم قولۋاق مۇسابىقىسىگە ئۆزگەرتىلدى. 1984– يىلى لوس– ئانژېلىس ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە  4 كىشىلىك ئاياللار 500 مېتىر تۇلۇم قولۋاق تۈرى كۆپەيتىلدى. بۇنىڭ بىلەن ھازىرغا قەدەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۇلۇم قولۋاق مۇسابىقىسىدە 12 مۇسابىقە تۈرى تەسىس قىلىندى. جىددىي ئېقىن تولۇم قولۋاق تۈرى 1972– يىلىدىكى ميونخېن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە تۇنجى قېتىم رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلدى.  1992– يىلىدىكى 25– نۆۋەتلىك بارسېلونا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە جىددىي ئېقىن تولۇم قولۋاق تۈرى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە مەيدانىغا قايتىپ كەلدى.  

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ