|
تۆمۈر ئادەم ئۈچ تۈر تەنھەرىكىتى 20 – ئەسىرنىڭ 70– يىللىرىنىڭ بېشىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئامېرىكا سانتىياگو يېنىك ئاتلېتىكا كۇلۇبى ئۇزۇنغا يۈگرەش مەشقى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئىجاد قىلغان. ئەڭ دەسلەپكى تۆمۈر ئادەم ئۈچ تۈر تەنھەرىكىتى مۇسابىقىسى 1974– يىلى ئامېرىكىدىكى سانتىياگودا ئۆتكۈزۈلگەن. مۇسابىقە 10 كىلومېتىر يۈگۈرۈش، 8 كىلومېتىر ۋېلسپىت مىنىش ۋە 500 مېتىر سۇ ئۈزۈش تۈرىدىن تەركىب تاپقان، مانا بۇ تۆمۈر ئادەم ئۈچ تۈر تەنھەرىكىتى تەرەققىياتىنىڭ دەسلەپكى شەكلى. ئىگىلىنىشىچە، ئەينى چاغدا بىر توپ تەنتەربىيە ئەمەلدارلىرى ئامېرىكىدىكى ھاۋايدا ‹‹ قايسى خىل تەنتەربىيە تۈرى ئەڭ زور قوزغىتىش كۈچى، رىقابەت كۈچىگە ئىگە ھەمدە ئادەمنىڭ ئىرادىسى ۋە جىسمانىي كۈچىنى سىنىيالايدۇ ›› دېگەن مەسىلە ئۈستىدە مۇنازىرە ئېلىپ بارغاندا، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ سابىق بىرىگادا گېنېرالى يوھان كلىنىس: بىر كۈن ئىچىدە دېڭىزدا 3.8 كىلومېتىر سۇ ئۈزسە، ئارالنى ئايلىنىپ 180 كىلومېتىر ۋېلسىپىت مىنسە، ئاخىرىدا 42.195 كىلومېتىر كېلىدىغان مارافونچە يۈگرۈشنىڭ پۈتۈن مۇساپىسىنى تۈگەتسە شۇ كىشى ھەقىقىي دەرىجىدىن تاشقىرى تەنھەرىكەتچى ھېسابلىنىدۇ دېگەن. شۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى كۈنىلا 15 ئادەم مۇسابىقىگە قاتناشقان، بۇنىڭ ئىچىدە يەنە بىر ئايال ماھىرمۇ بار. ئاخىرى 14 ماھىر پۈتۈن مۇساپىنى تۈگىتىپ، ئۇلارغا ‹‹تۆمۈر ئادەم›› دېگەن نام بېرىلگەن. كېيىن، كىشىلەر بۇ بىر قېتىمدا سۇ ئۈزۈش، ۋېلسىپىت مىنىش ۋە ئۇزۇنغا يۈگۈرۈشنى تاماملايدىغان بىرىكمە تۈرنى، شۇنداقلا تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ جىسمانىي كۈچ، سۈرئەت ۋە تېخنىكا ماھىرىتى جەھەتتىكى رىقابەت كۈچىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرىدىغان ئۇنىۋېرسال مۇسابىقە تۈرىنى ‹‹تۆمۈر ئادەم ئۈچ تۈر ›› تەنھەرىكىتى دەپ ئاتىغان. ھالبۇكى 3.8 كىلومېتىر سۇ ئۈزۈش، 180 كىلومېتىر ۋېلسىپىت مىنىش، 42.195 كىلومېتىر يۈگۈرۈش تاماملىنىدىغان تۆمۈر ئادەم ئۈچ تۈر مۇسابىقىسى‹‹ دەرىجىدىن تاشقىرى تۆمۈر ئادەم ئۈچ تۈر ›› دەپ ئاتالدى. 1996– يىلى 8 – ئاينىڭ 4 – كۈنى تۆمۈر ئادەم ئۈچ تۈر تەنھەرىكىتى 2000 – يىللىق سىدنى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلدى. جۇڭگو 1990– يىلى خەلقئارا تۆمۈر ئادەم ئۈچ تۈر تەنھەرىكىتى ئىتتىپاقىغا كىرگەن. نۆۋەتتە، جۇڭگونىڭ تۆمۈر ئادەم ئۈچ تۈر تەنھەرىكىتىنىڭ سەۋىيىسى ئاسىيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.
|