|
بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى يېقىندا بېيجىڭدا مەشئەلگە ئوت تۇتاشتۇرۇش چىرىغى ، شەھەر مۇراسىم چوغدىنى ، مەشئەل يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ كىيمى ، يەتكۈزۈش ئايروپىلانىغا چۈشۈرۈلىدىغان بەلگە قاتارلىق ئەڭ ئاخىرقى تۈركۈمدىكى ئولىمپىك مەشئىلىنى كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزۈش بەلگە لايىھىسىنى ئېلان قىلدى . بۇ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلىنى كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزۈش بەلگىسىنى لايىھىلەشنىڭ تولۇق ئاياغلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ .
بۇ ، بۇلتۇر بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى مەشئىلىنىڭ لايىھە نۇسخىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى ئېلان قىلغان ئەڭ ئاخىرقى تۈركۈمدىكى ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى مەشئىلىنى كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزۈش بەلگە لايىھىسى بولۇپ ، ئاساسلىقى ، مەشئەل ۋە كېڭەيمە لايىھە ، ئاپتوموبىل ئەترىتى ۋە ئايروپىلان لايىھىسى ، مەشئەلنى كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ كىيمى لايىھىسى ، مەشئەلنى كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزۈش مەيدانى مۇھىتى لايىھىسى ۋە شەھەر مەنزىرسى لايىھىسىدىن ئىبارەت بەش بۆلەكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
لايىھىدە ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان مەشئەلنى كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزۈش بەلگىسى ، ئاساسىي تېما شوئارى ، يادرولۇق شەكىل ۋە رەڭلەر ئاساس ، ئەنقا ، بۇلۇت كۆرۈنۈشى ئىجادىيەت مەنبەسى قىلىنىپ ، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى بەلگە سېستىمىسى بىلەن ماس ھالدا بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن . لايىھىنىڭ كۆرۈنۈشى ئۆزگىچە ، ئىلگىركى ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىنىڭكىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىدىغان بولۇپ ، ئولىمپىك روھىنىڭ جۇڭگو مەدەنىىيىتى بىلەن بىرلىشىشى تولۇق نامايەن قىلىنغان ، كۈچلۈك دەۋر خاسلىقىغا ئىگە .

مەشئەل يەتكۈزۈش ئايروپىلانى

مۇقەددەس چوغدان
|